باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ياشانغانلار ئۇخلىيالمىغاندا تىنچلاندۇرۇش تۈرىدىكى دورىلارنى ئازراق ئىشلىتىشى كېرەك

2018.12.25 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇب تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 3- تارماق دوختۇرخانىسى دورىگەرلىك بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل پىراۋىزورى فېڭ خۇەنسۇن مۇنداق دېدى: يېقىندا، 65 ياشلىق ۋاڭ ھەدە بىلەن يولدىشى دورىگەرلىك ئامبۇلاتورىيەسىدىن مەسلىھەت ئالغان. ئىككىسىنىڭ دېيىشىچە، ۋاڭ ھەدە يېرىم يىل بۇرۇنقى بىر ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپ تازىلىق ئۆيىگە كىرگەندە، ئىككى پۇتىنىڭ ماغدۇرسىزلانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، تازىلىق ئۆيىدە يىقىلىپ چۈشۈپ سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەن، يەنە يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بارغانسېرى ناچارلىشىپ، دائىم ئالدىنقى كۈندىكى ئىشلارنى ئەسكە ئالالمىغان. پىراۋىزورنىڭ ۋاڭ ھەدىنىڭ كېسەللىك ۋە دورا ئىشلىتىش تارىخىنى سورىغاندىن كېيىن بايقىشىچە، ۋاڭ ھەدە ئۈچ يىل ئىلگىرى دائىم ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئوڭاي ئويغىنىپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئېستازولام ناملىق بىر خىل ئۇيقۇ دورىسىنى ئىچكەن، ۋاڭ ھەدىدىكى مەسىلىنىڭ بۇ خىل ئۇيقۇ دورىسىدىن چىقىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. بەزى ئۇيقۇ دورىلىرى ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاسانلا ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ، يەنى كونىلار ئېيتقاندەك «مېڭىسىنىڭ بىر قىسمى قۇپقۇرۇق» بولۇپ قالىدۇ، ياشانغانلار ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش كېرەك.

  ئېستازولام بولسا بىر خىل دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئۇيقۇ دورىسى بولۇپ، تىنچلاندۇرۇش تۈرىدىكى دورىغا تەۋە. ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر ئازادە، خۇشال كەيپىياتتىكى يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇغا ئىگە بولغاچقا، بۇ دورا «راھەتلەندۈرگۈچ» دەپمۇ ئاتالغان. بىراق ئۇنىڭ ئەكس تەسىرىمۇ كىشىلەرگە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلدى. نۇرغۇن كىلىنىك مېدىتسىنا تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تىنچلاندۇرۇش تۈرىدىكى ئۇيقۇ دورىلىرى (ئادەتتە ئىسمى تەركىبىدە زىپام، ئېستازولام، دېگەندەك سۆزلەر بار) ناھايىتى ئاسانلا ئادەمدە ئۇيقۇچان بولۇش، قەدەم ئېلىشى مۇقىم بولماسلىق، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق ئەكس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، «مەست قىلىش ئېففېكتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەسلىدىنلا يۇقىرىقى ئەھۋاللار ئازدۇر-كۆپتۇر بار ياشانغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئەكىس تەسىرلەر شۈبىھىسىزكى ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشانغانلار سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يېقىلىپ كەتسە سۆڭىكى تېخىمۇ ئاسان سۇنۇپ كېتىدۇ. شۇڭا، ۋاڭ ھەدىنىڭ سۆڭىكى سۇنۇش بۇ دورا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىراق، بۇ خىل دورىلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرى قايتۇرمىلىق بولۇپ، دورىنى بىر مەزگىل توختاتقاندىن كېيىن، كۆپ قىسىم بىلىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  ئۇنداقتا، ئۇيقۇسىزلىق ئازابىنى تارتىۋاتقان ياشانغانلارغا قايسى خىل دورىلار ئەڭ مۇۋاپىق؟ يېقىنقى يىللادىن بۇيان، كۆپلىگەن غەيرىي تىنچلاندۇرۇش تۈرىدىكى يېڭى تىپتىكى ئۇيقۇ دورىلىرى بازارغا سېلىندى، ئۇلار يۇقىرى ئۈنۈملۈك، زەھىرى تۆۋەن، خۇمار قىلىشى ئاجىز، يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى قىسقا، «مەست قىلىش ئېففېكتى» تېخىمۇ كىچىك ھەمدە ئۇيقۇغا كىرىش ۋاقتىنى كۆرۈنەرلىك قىسقارتىش، ئۇيقۇ ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش، ئۇيقۇنىڭ قۇرۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق قاتارلىق ئارتۇقچىلىقى بار. بىر قىسىم دورىلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرىمۇ بىرقەدەر يېنىك، مەسىلەن زالېپلون، زوپىكلون قاتارلىقلار ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولمىغان ياشانغانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بىر قەدەر ماس كېلىدۇ. بىراق، ياشانغانلارنىڭ دورا مېتابولىزمى بىر قەدەر ئاستا بولغانلىقتىن، بۇ خىل دورىلارنى كەسپىي دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە دورا مىقدارىنى ئازايتىپ ئىشلىتىش كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ خىل دورىلارنىڭ بىماردا تايىنىشچانلىق پەيدا قىلىش خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت، شۇڭا ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

  ئاخىرىدا ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، دائىم ئۇخلىيالمىغاندا، بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈش، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە روھىي ھالەتنى تەڭشەش، تۇرمۇش مىتوتىنى تەڭشەش، قىسقا مۇددەتلىك دورا بىلەن داۋالاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قانۇنىيەت ئۇخلاش ئادىتىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر