باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

سۇ سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ ساغلاملىققا نىسبەتەن يوشۇرۇن خەۋپى كۆپ

سۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشتىكى ئۈچ تەدبىر

2017.08.01 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوتتەك ئىسسىق ياز كۈنلىرىدە، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى كىشىلەر دائىم بېرىپ سالقىندايدىغان سورۇن بولۇپ قالىدۇ. گەرچە سۇ ئۈزۈش ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرغىلى بولسىمۇ، بىراق سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى سۇ سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتمىگەن بولسا، يەنىلا سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  سۇ سۈپىتى لاياقەتسىز بولغان سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە ئۇزۇن مەزگىل سۇ ئۈزۈش تېرە كېسىلى، قۇلاق ياللۇغى، ھەزىم قىلىش يولى يۇقۇملۇق كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

  سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى سۇ سۈپىتىنىڭ لاياقەتسىز بولۇشى بىرقانچە تۈرلۈك بولۇپ، ئادەتتە ئورىيا مىقدارى يۇقىرى بولۇش، قالدۇق خلور ئۆلچەمگە يەتمەسلىك، باكتېرىيە ئومۇمىي سانى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىچۇەن ئۆلكىسى باجۇڭ شەھەرلىك سەھىيە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش تارماق ئەترىتى ئىككىنچى چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى فېڭ مۇنداق دېدى: قالدۇق خلور سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى سۇ سۈپىتىنى كونترول قىلىشنڭ ھالقىلىق نۇقتىسى بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭ مىقدارى بەك تۆۋەن بولسا، دېزىنفېكسىيە ئۈنۈمى ناچار بولۇپ، ئاسانلا كىسەللىك پەيدا قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولسا، كۆز، نەپەسلىنىش سىستېمىسى، تېرە قاتارلىقلارنىڭ غىدىقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئورىيا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە، سۇ ئۈزگۈچىنىڭ تېرە شىللىق پەردىسىنىڭ غىدىقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  ئورىيا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرى بىر قىسىم ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن، سۇ ئۈزگۈچىلەرنىڭ سانى كۆپ بولۇش، سۇنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرماسلىق قاتارلىقلار.

  ئاممىۋىي سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى سۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى-ناچارلىقىنى قانداق پەرىقلەندۈرۈش كېرەك؟ لى فېڭ مۇنداق دېدى: پۇراش، كۆرۈش، سوراش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش لازىم، پاكىز بولغان سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى سۇلار بولسا، ئۇنىڭدىن ئادەتتىكى سۇنىڭ پۇرىقى چىقىدۇ، سېسىق پۇراق ياكى غىدىقلىغۇچى پۇراق بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سۇنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسىنى كۆزىتىشكە بولىدۇ، ئەگەر سۇ كۆلچىكىگە ئاق چاقچۇق ياتقۇزۇلغان بولسا، پاكىز سۇ يورۇق سۇس كۆك رەڭدە بولىدۇ. ئەگەر ھاۋا رەڭ چاقچۇق ياتقۇزۇلغان بولسا، پاكىز سۇ قېنىق كۆك رەڭلىك بولىدۇ.

  يەنە سۇ يۈزىدە لەيلىمە دانىچىلارنىڭ بار-يوقلۇقىغا، كۆلچەك ئاستىدا چۆكمىلەرنىڭ بار-يوقلۇقىغا قاراش لازىم. ئەڭ ئاخىرىدا يەنە خىزمەتچى خادىملاردىن سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ سۈيىنى ئالماشتۇرۇش قېتىم سانى ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھەمدە كۈندىلىك ئاسراش تەدبىرلىرىنى سوراپ بېقىشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر