باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئارمىيەدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى روھىنى ئۆگەندى

2017.08.02 16:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۈنۈگۈن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يىغىن ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بىردەك: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي ئېغىشماستىن پارتىيە سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىمىز، دېيىشتى.

  يىغىن مەيدانىدىن ئاساسىي قاتلام قىسىملىرىغىچە، ئېگىزلىك، ئاراللاردىن ۋەزىپە بىرىنچى سېپىغىچە، ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر رادىيو، تېلېۋىزور، تور ئارقىلىق رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى بىۋاسىتە ئاڭلىدى ۋە كۆردى ھەمدە سۆز ئارگىنالىنى دەرھال توردىن چۈشۈرۈپ ئۆگىنىش ۋە مۇزاكىرە قىلدى. دەم ئېلىشقا چىققان 91 ياشلىق پېشقەدەم كادىر ۋاڭ فېي يىغىن مەيدانىدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھاياجىنىنى خېلى ئۇزۇنغىچە باسالماي مۇنداق دېدى: ھەربىر ئېغىز سۆز، ھەربىر ئىش كۆڭلىمىزدىكىدەك بولدى، مەن ناھايىتى خۇشال، ئارمىيەمىزنىڭ 90 يىللىق ئۆزگىرىشى ناھايىتى چوڭ، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، بۇلار پارتىيەمىزنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  قۇرۇقلۇق ئارمىيە 78-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسى مەلۇم بىرىگادىسى، ھاۋا ئارمىيەسى پاراشۇتچى ئەسكەرلەر مەلۇم بىرىگادىسىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش داۋامىدا خەلق ئارمىيەسىنىڭ 90 يىلدىن بۇيان ئۇرۇش ئوتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، زور قۇربانلىقلارنى بەرگەنلىكىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ھەرۋاقىت پارتىيەگە سادىق بولۇش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى. دۇڭ سۈنرۇي ھايات چېغىدا تۇرغان روتادىكى جەڭچى چى لۇڭ مۇنداق دېدى: بىز يېڭى دەۋردىكى پەرزەنت ئەسكەرلەر ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش بۇرچىمىزنى، خەلقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، تىنچلىقنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولۇشىمىز كېرەك.

  لائوستا داۋالاش مۇلازىمىتى ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان «تىنچلىق پويىزى» داۋالاش ئەترىتى، جەنۇبىي دېڭىز فىلوتى مەلۇم مۇلازىمەت پاراخوتى چوڭ ئەترىتىدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر: خەلق ئارمىيەسىنىڭ غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەيدىغان تەۋەررۈكىنى جەزمەن ياخشى ئىشلىتىشىمىز كېرەك، دەپ قارىدى.

  قۇرۇقلۇق ئارمىيە 79-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسى مەلۇم بىرىگادىسىنىڭ كوماندىرى جاۋ شەنتۇڭ مۇنداق دېدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، زېھنىمىزنى ئۇرۇش تەييارلىقىغا قارىتىشىمىز كېرەك. بىزدەك ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى قىسىملارغا نىسبەتەن، دىققەتنى چېنىقىش، تەييارلىق قىلىشقا، زېھنىمىزنى ئۇرۇش قىلىشقا قارىتىپ، چاقىرغان ھامان ئۈنىدىغان، كەلگەن ھامان ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا جەزمەن غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇن بەرپا قىلىشىمىز لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر