باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

17 يىللىق ئارمىيە-خەلق مۇھەببىتى

2017.08.02 16:37   مەنبە: خەلق تورى

17 يىللىق ئارمىيە-خەلق مۇھەببىتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ ئاخبارات تورىدىن مەدىنۇر ئەخمەت خەۋىرى، فوتوسى) 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن، ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى روزى ئىبراھىم جۇڭگو خەلق قوراللىق قىسىمىنىڭ ئاقسۇدىكى دېۋىزىيەسى مەلۇم تارماق ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن بىر تىراكتور تاۋۇزنى ئېلىپ بېرىپ ھال سوراپ، ئارمىيە بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇقنى ئىپادىلىدى.

  روزى ئىبراھىم ئاقسۇ شەھەرلىك باغ-ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ توختاملىق ئىشچىسى بولۇپ، 2010-يىلى ئۇ قوراللىق قىسىم تۇرۇشۇق جاينىڭ ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئاكتىپلىق بىلەن قىسىمدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، قىسىم ھويلىسىدىكى دەل-دەرەخلەرنى ھەقسىز چاتاپ، ئوت-چۆپلەرنى ئوتاپ بەردى ھەم گۈل-گىياھلارغا ۋاقتىدا دېھقانچىلىق دورىلىرىنى چېچىپ، قىسىم ھويلىسىنى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۈشكە ھەسسە قوشتى. قىسىمدىكىلەرمۇ ئۇنىڭدىن تولىمۇ خوشال بولۇپ، بۇنداق ئىشلارغا يولۇققاندا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىدىغان بولدى، بۇ ئارقىلىق ئۇلار بارا-بارا ياخشى «قوشنىلار»غا ئايلاندى.

  بۈگۈنمۇ روزى ئىبراھىمنىڭ تاۋۇز ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر تولىمۇ خۇشال بولدى. بۇ قىسىمنىڭ مۇئاۋىن ئىشتاب باشلىقى لى يۇڭدۇڭ مۇنداق دېدى: روزى ئىبراھىم بىزنىڭ 17 يىللىق قوشنىمىز، شۇنچە يىلدىن بۇيان ئۇ قىسىم مۇھىتىنىڭ گۈزەل بولۇشى ئۈچۈن زور كۈچ قوشتى.

  روزى ئىبراھىم 17 يىلدىن بۇيان قوراللىق قىسىم تۇرۇشلۇق جاينىڭ يېشىللىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىكلەن بىللە، ھەر يىلى ئارمىيە بايرىمىدا ئۇلاردىن ھال سوراپ، قىسىمدىكى جەڭچىلەرنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن جاپا تارتىۋاتقانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئۈن-تىنسىز قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن تەسىرلەنگەن قىسىمنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى شۈ تاۋ ئۇنىڭ بىلەن تۇغقان بولۇشتى. شۈ تاۋ مۇنداق دەيدۇ: مەن شەندۇڭلۇق، شىنجاڭغا كەلگەن 12 يىلدىن بۇيان روزى تاغىمىز ئىزچىل قىسىمىمىز ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، بۇ قېتىملىق «قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش» پائالىيىتىدە ئەترەتتىكى سەبداشلار بىرلىكتە روزى تاغىمىز بىلەن تۇغقان بولۇشتۇق، ھەر قېتىم بىز روزى تاغىمىزنى يوقلاپ بارغىنىمىزدا ئۇ بىزنى تولىمۇ قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ، ئۇ مېنىڭ شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ئاز سانلىق مىللەت تۇغقىنىم، مەن بۇ تۇغقىنىمنىڭ بولغىنىدىن تولىمۇ خۇشال.

  «گەرچە مەن كۆچۈپ كەتكەن بولساممۇ، بىراق مېنىڭ قەلبىم يەنىلا مۇشۇ قىسىم بىلەن بىللە» روزى ئىبراھىم شۇنداق دېگىنىچە قىسىم بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ئەتە «1-ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى»، ئۇلار ئاقسۇ شەھىرىمىزنىڭ تىنچ-ئامانلىقى ئۈچۈن جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، گەرچە مەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەر ئاز بولسىمۇ، بىراق ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىقىم ئىپادىلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى كەم-كۈتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
    ·2017-يىلى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…