باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغاندا خامۇشلۇققا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ

2017.03.09 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا, كورىيە سۇڭكۇنۋەن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى سامسۇڭ دوختۇرخانىسىغا قاراشلىق كارخانا روھىي ساغلاملىق تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى تۆت سائەتكە يەتمەيدىغانلار ھەر كۈنى يەتتە سائەت تولۇق ئۇخلايدىغانلارغا قارىغاندا، خامۇشلۇققا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

  تەتقىقات گۇرۇپپىسى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتناشقان كورىيەدىكى 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان جەمئىي 200 نەچچە مىڭ خىزمەتچىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ تەتقىقات ئارقىلىق، ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن خامۇشلۇق، تەشۋىشلىنىش ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاھىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئېچىپ بېرىلگەن. ئۇلارنىڭ بايقىشىچە, ھەركۈنى يەتتە سائەتلىك «مۇۋاپىق ئۇيقۇ ۋاقتى»غا كاپالەتلىك قىلغاندا، تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاھىشىنىڭ ھەممىسى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن. تەكشۈرۈلگۈچىلەر ئىچىدە، ھەر كۈنى يەتتە سائەت تولۇق ئۇخلايدىغانلاردا چۈشكۈنلۈك, تەشۋىشلىنىش ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاھىشىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %2، %4.3 ۋە %5 بولغان؛ بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا, ئۇخلاش ۋاقتى تۆت سائەتتىن تۆۋەن بولغان تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچى ٪9.1 ، %16 ۋە %12.7كە يەتكەن، كېسەل قوزغىلىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆت ھەسسە، 3.7 ھەسسە ۋە 2.5 ھەسسىگە تەڭ بولغان.

  بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىزمەتچىلەر ھەر كۈنى ئاز دېگەندە يەتتە سائەت ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلسا، ئۇلاردىكى چۈشكۈنلۈك, تەشۋىشلىنىش دېگەندەك كېسەللىكلەر ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغانلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئازىيىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر