باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تىنچلىقنىڭ مۇھىم ھالقىسى يەنىلا كىشىلەر قەلبىدۇر

2016.12.13 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاي كىرىشىگە، ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلغىلى بىر ھەپتىچە بولغان يانار تاغ ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلىندى.

  مانا ئەمدى ئىسرائىلىيە خەلقى ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدىن قايتا بەھرىمەن بولغۇسى. ئىسرائىلىيە خەلقىگە يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىللىق سېزىم ئېلىپ كەلگەن باشقا بىر ئامىل شۇكى، ئۇ بولسىمۇ ئىسرائىلىيە خەلقى رەھىمسىز يانار تاغ ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن چاغدا پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشنىدۇر.

  ئىسرائىلىيەدىكى يانار تاغ ئاپىتى يامىراپ كېتىش ئالدىدا تۇرغاندا، پاكىستان تەرەپ ئالدى-كەينى بولۇپ ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىدىن سەككىزنى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىدىن 44 كىشىنى ئەۋەتىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ خەيفا شەھىرى ۋە يىرۇسالىم شەھىرى ئەتراپىدا ئوت ئۆچۈردى. يەھۇدىي ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرى كۆيۈپ تۈگىگەندە، ئەتراپتىكى پەلەستىنلىك ئامما بەس-بەستە بۇ يەھۇدىيلار ئۈچۈن ئۆز ئۆيلىرىنى ئېچىپ بېرىپ، ئۇلار ئۈچۈن ئوچۇق قويدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباسقا مەخسۇس تېلېگرامما ئەۋەتىپ، پەلەستىننىڭ ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، زېمىن تالىشىش ۋە يېرۇسالېم تەۋەلىكى قاتارلىق بىر قاتار مۇرەككەپ مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن، يەھۇدىيلار بىلەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ بۇ زېمىندا بولىۋاتقان ئۇرۇش-ماجىراسى ئۈزۈلمەي كەلدى. لېكىن تەبىئىي ئاپەتلەر ئالدىدا، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئاممىسى ئاداۋەتنى تاشلاپ، ئۇلارنىڭ بىرلىكتە ئوت ئۆچۈرگەنلىكى، كىشىلەرگە ياخشى ۋە تىنچ-ئىتتىپاق ئۆتۈشنىڭ قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.

  ئاپتور تەلەيگە يارىشا ئىلگىرى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە رايونىغا زىيارەتكە بارغان بولۇپ، نەتىجىدە ئاپتور كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان شۇنداق بىر ئەھۋالنى بايقىغانكى، گەرچە خەۋەرلەردە خەۋەر قىلىنغان ئۇ توقۇنۇشلار، يەنى، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسى يەنىلا بەك زىچ ئىكەن. ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا، ئىسرائىلىيە پۇلىنى ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت تىلى (ئىبراي تىلى)نى سۆزلىيەلەيدىكەن. ئىسرائىلىيەدە سېلىنغان يەھۇدىيلار تۇرالغۇ جايلىرى پەلەستىننىڭ كەنتى بىلەن قوشنا بولۇپ، تۇرالغۇ جايدىكى يەھۇدىيلار يېقىن ئەتراپتىكى پەلەستىن بازىرىغا بېرىپ ماشىنا يۇيۇش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىدىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ يەرنىڭ ماشىنا يۇيۇش ھەققى ئىسرائىلىيەدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلى ئەرزان ئىكەن. 45 مىڭدىن 55 مىڭغىچە بولغان پەلەستىنلىكلەردە ئىسرائىلىيەگە كىرىش يول خېتى بار ئىكەن، ئۇلار ئىسرائىلىيە تەۋەلىكىدە ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئائىلىسىنى باقىدىكەن. ھەر بىر خىزمەت كۈنىدە، نەچچە مىڭ پەلەستىنلىك ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى تەرەپتىن ئىسرائىلىيەگە كېلىپ خىزمەت قىلىپ، كەچكى شەپەقتە ئاندىن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يەھۇدىيلار تۇرالغۇسىدىكى يەھۇدىيلار بىلەن بىللە ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ قايتىپ كېتىدىكەن. يېقىندا، ئىسرائىلىيە دېڭىز ساھىلى شەھىرى نېيتەنيادىكى بىر رېستوراندا يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، ئەگەر بىر ئۈستەلدىكى خېرىدارلار ئىچىدە ھەم پەلەستىنلىكلەر ھەم يەھۇدىيلار ئارىلاش ئولتۇرغان بولسا، ئۇلار يېگەن نوقۇت قىيامى ئۈچۈن يېرىم باھادا ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. مەزكۇر رېستوراننىڭ دىرېكتورى مۇنداق دېگەن: بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش بولۇپ، بۇ پەقەت بۇنىڭ ئۈچۈن بېسىلغان بىر كىچىك قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

  پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىغا ھازىرغا قەدەر 20 نەچچە يىل بولدى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ يەنىلا چوڭ. شۇنداقتىمۇ، تىنچلىق كۆپ ساندىكى پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىكەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەدىكى نۇرغۇنلىغان بىلىملىك زاتلار، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىق ئىشلىرىنىڭ ئەلئارا ئاساسىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. تىلئاۋىف شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان "پېرىس تىنچلىق مەركىزى" دەل مۇشۇنداق بىر ئورگاندۇر. ئاپتور شۇ چاغدا مەزكۇر مەركەزنىڭ مۇدىرى پېڭ داكېنى زىيارەت قىلغاندا ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ مەركەزدە مائارىپ، تازىلىق ۋە ئىلىم-پەن قاتارلىق ھەر ساھە زاتلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئاممىسىنىڭ ئالاقە قىلىشىنى مەخسۇس سۇپا بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ ئارقىلىق يەنە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ياشلىرى ئارىسىدا تىنچلىق مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ، پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە يازلىق لاگېر قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىش، تونۇشۇش ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىپ، تىنچلىق ئۇرۇقىنى يېتىشتۇردى.

  «سالام!» بۇ سالام-سەھەت سۆزىنىڭ ئىبرانىي تىلى بىلەن ئەرەب تىلىدا، "تىنچلىق" دېگەن مەنىسى بار. پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى بىر ئىزدا توختاپ قېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەدە ئەل ئارىسىدا كىشىلەر تىرىشىپ تىنچلىق ئۇرۇقىنى يېتىشتۈرۈشى ۋە ئۆچمەنلىك ئوتىنى ئۆچۈرۈشى كېرەك بولماقتا. بۇ ھىچ بولمىغاندا، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ بىر خىل يېڭى سىناق تەدبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئەڭ ئۇزاققا سوزۇلغان تىنچلىق يەنىلا كىشىلەرنىڭ قەلبىدە بەرپا قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر