باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى ئۇشتۇمتۇتلا قوزغىلىپ قېلىشتىن بۇرۇن ئادەم بەدىنىدە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

2016.10.14 09:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنىڭ قوزغىلىپ قېلىشى ئىنتايىن جىددىي بىر ئەھۋال بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالدا يېرىمغا يېقىن ئادەمنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش پۇرسىتى بولماي قالىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى ئۇشتۇمتۇتلا قوزغىلىپ قېلىشتىن بۇرۇنقى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئالدىن بايقاش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جاڭ خەيچېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى ئۇشتۇمتۇتلا قوزغىلىپ قېلىشتىن بۇرۇن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەردە ئاگاھلاندۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن.

  كۆكرەك ئاغرىپ كېتىش ئەمەلىيەتتە يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنىڭ تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن بىرى ئىكەن

  كۆكرەك ئاغرىپ كېتىش بولسا، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنىڭ قوزغىلىشتىن بۇرۇنقى مۇھىم ئىپادىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىپادىلىرى ئاساسەن مانداق بىر نەچچە خىل بولىدىكەن: بىرىنچىسى، ئەگەر بىمارنىڭ كۆكرەك ئالدىنقى قىسىمى تۇتقاقلىق خاراكتېرلىك ئاغرىپ كەتسە، بۇ بەلكىم كۆپ چارچاش، ھاياجانلىنىش، ياكى خاپا بولۇش قاتارلىقلاردىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئىلگىرى بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە يېڭىدىن پەيدا بولغان بولسا، بۇ خىل ئەھۋالدا ئاگاھ بولۈشقا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى بۇ بەلكىم يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى قوزغىلىشتىن بۇرۇنقى كېسەللىك ئالامەتلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچىسى، ئەگەر ئىلگىرى يۈرەك سانجىقى بار بولۇپ، بىر ئاي ئىچىدە كۆكرەك ئاغرىش كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولسا، ياكى كۆكرەك ئاغرىش قېتىم سانى كۆپىيىپ كەتكەن بولسا، ھەمدە دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىر، دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، داۋاملىشىش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن، دورا ئىستېمال قىلىش ئۈنۈمى ئىلگىرىكىگە يەتمىگەن بولسا، بۇنداق ئەھۋالدىمۇ يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى قوزغىلىپ قىلىشتىن ئاگاھ بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم جىم تۇرغاندا ياكى كېچىدە ئۇخلاۋاتقاندا تۇيۇقسىز كۆكرەك ئاغرىسا، بۇ كۆپ ھاللاردا تاجسىمان تومۇر داغ پارچىلىرىنىڭ تۇراقسىز ئىكەنلىكىنى ياكى قان تومۇر سىپازمىلىنىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، چۈنكى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا، ئاسانلا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغىلىپ قالىدۇ. جاڭ خەيدېڭ دوختۇر مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: سەۋەبى ئېنىق بولمىغان تۇيۇقسىز كۆكرەك ئاغرىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تەرگە چۆمۈپ كېتىش، ئىچى ئېلىشىش ۋە قۇسۇش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كەلسە، ياكى يۈرەك ئالدى رايونى سىقىلىش، ئالاقزەدە بولۇش ۋە ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

  يۇقىرىدەك تىپىك ھالدىكى كۆكرەك ئاغرىش دېگەندەك ئالامەتلەردىن باشقا، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى قوزغىلىشتىن بۇرۇن، يەنە بىر قىسىم ئاسان سەل قارىلىدىغان تىپىك بولمىغان كېسەللىك ئالامىتىمۇ كۆرۈلىدىكەن. مەسىلەن، قورساق ئاغرىش، چىش ئاغرىش، سول يەلكە ئاغرىش، دۈمبە ئاغرىش دېگەندەك.

  ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟


  يۈرەك سانجىقىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى ئادەتتە 15 ~ 20 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، دورا ئارقىلىق ئاغرىق پەسەيتكىلى بولىدۇ. ئەگەر پەسەيتكىلى بولمىسا، ھەم ئىلگىرى تاجسىمان يۈرەك كېسەللىك تارىخى بار ياكى يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلى، قاندىكى ياغ كۆپىيىش كېسىلى بار بولسا، ھەمدە تاماكا چېكىدىغان بولسا، بۇنداق بىمارلارنى تەمكىن تۇتقۇزۇپ، تەكشى ياتقۇزۇپ ياكى دۈمبە تەرىپى بىلەن يۆلىنىپ ئولتۇرغۇزۇش كېرەك، ھەرىكەت قىلىش، ھاياجانلىنىش قاتارلىق غىدىقلاشتىن ساقلىنىش كېرەك، ھەمدە تېزدىن 120 جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون ئۇرۇپ دوختۇر چاقىرىش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىمارنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىگۈزۈش(ياكى ئۆزى ئۆلچەش)كېرەك، ئەگەر قان بېسىمى 90/60 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن تۆۋەن بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىقىلما خاراكتېرلىك تىپىك كۆكرەك ئاغرىش قوشۇلۇپ كەلسە، ياكى يۇقىرىقىدەك قورساق ئاغرىش، بويۇن ئاغرىش، چىش ئاغرىش دېگەندەك تىپىك بولمىغان يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، تىل ئاستىدا بىر تال نىترو گىلىتسېرىن شوراش كېرەك، ئەگەر 5 ~10 مىنۇتقىچە ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە، يەنە بىر تال سوراش كېرەك، لېكىن ئومۇمىي مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ تالدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. قاناش خاھىشى بولمىغان بىمارلار، 300 مىللىگىرام ئاسپىرىن چاينىسا بولىدۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ قان پىلاستىنكىلىرى ئۇيۇشۇپ قېلىش ۋە قان نۆكچىسى پەيدا بولۇش دېگەندەك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رولى بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تاجسىمان تومۇر تىرەككە تەييارلىق قىلىپ قويغانلىق بولىدۇ. ئۆيىدە ئوكسىگېن بار بىمارلار تېزدىن ئوكسىگېن سۈمۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر