باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئانا (نۇرگۈل ئەبەي)(1)

2015.08.18 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  موماي كوچىلاردا خېلىغىچە مەقسەتسىز ئايلىنىپ يۈردى،كەچ كىرىپ ئەتراپنى خېلىلا قاراڭغۇلۇق قاپلىدى.ئاپلا!نامازشام ئۆتۈپ كەتكىلى تۇرۇپتىغۇ.موماي شۇندىلا ئېسىنى يىغىپ دەرھال نامىزىنى ئوقۇماقچى بولدى ۋە قەيەرلەرگىدۇر ئالدىرىدى،لېكىن ئالدىدىكى تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە يەنە نەگە مېڭىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى.كوچىنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدىلا چوڭ قىزىنىڭ ئۆيى،ئايىغىدا چوڭ ئوغلىنىڭ ئۆيى بار ئىدى،سول تەرەپتىكى كوچىدا 3-ئوغلىنىڭ ئۆيى،ئاۋۇ بىنادا كىچىك قىزىنىڭ ئۆيى كۆرۈنۈپلا تۇراتتى.ئۇنىڭ بايىلا چەكسىز دەرد-ھەسرەت ئىچىدە پۇچۇلىنىپ يېنىپ چىققىنى ئۆزىنىڭ،توغرىسى 2-ئوغلىنىڭ ئۆيى ئىدى،ئۇ بۇ ئۆيگە ئەمدى ھەرگىزمۇ قايتىپ كىرمەيتى.موماي ئۈچۈن ھاياتلىقتا يەنە كۆڭلى تارتىپ ئۈسۈپلا كىرەلەيدىغان،قورقماي بارالايدىغان ھىچقانداق يېرىمۇ قالمىغاندەك قىلاتتى.موماينى ئىختىيارسىز تىترەك باستى. كەچ كۈزنىڭ ئاچچىق شامىلى ئۇنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەن كۈچسىز تېنىگە زەھەردەك سانچىلاتتى.كوچىنى ئوراپ تۇرغان دەرەخلەردىن تۆكۈلگەن ساپسېرىق غازاڭلار موماينىڭ ئاياغلىرىدىن شىلدىرلاپ ئۆتۈپ،قاياقلارغىدۇر دەرمانسىز ئۇچاتتى،موماي يەر بېغىرلاپ ئۇچۇۋاتقان غازاڭلارغا،سۇلياۋ خالتىلارغا،يالىڭاچلىنىۋاتقان دەرەخلەرگە نەزەر تاشلىدى.شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىمۇ ئاشۇ شېخىدىن ئايرىلغان غازاڭلاردەك،تاشلىۋېتىلگەن قەغەز پارچىللىرىدەك قەدىرسىز ھېس قىلاتتى.ئۇ چەكسىز ئازاب ۋە ئۈمدسىزلىك ئىچىدە نەزىرىنى ئاستا-ئاستا بىپايان كۆككە يۆتكىدى. ئاسماندا بۇلۇت ئارىسىدا مىسكىنگىنە ئاي ئۈزۈپ يۈرەتتى. ئاينىڭ مىسكىنلىكى بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئازاب گويا بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەندەك قىلاتتى...كۈڭۈلسىز مەنزىرىلەر موماينىڭ كۆڭلىدىكى غەشلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.چەكسىز ئازاب بىلەن بىللە ئۇنى ئۇزۇن يىل قىيناپ كەلگەن زىققى كېسىلى موماينىڭ تۇرغۇدەك، يەنە بىئىختىيار قەدەم ئالغۇدەك ھالىنى قويمىدى.ئۇ ئۆرتەپ كەلگەن پىغاندىن ھۆركىرەپ يىغلىۋېتىشتىن ئۆزىنى بېسىپ ئاستا كەينىگە ياندى-دە،نەچچە قەدەملا پىيادىلەر يولىغا يانداش قويۇلغان ئۇزۇن ئورۇندۇقتا لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.شامال كۈچۈيۈپ كەتتى،قاياقتىندۇر ۋەھىمىلىك ئاۋازلار كېلەتتى.ئاچچىق سوغوق موماينىڭ ئەتسىز بەدەنلىرىگە زەرب بىلەن ئۇرۇلاتتى.موماي تىترەپ تۇرۇپ ۋاختى ئۆتۈپ كەتسىمۇ نامازشامنىڭ ئۈچ رەكەت پەرھىزىنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خىيالى،ئانچە –مۇنچە ئىشارەت بىلەن ئوقۇۋالدى.ناماز ئاخىرلاشقاندا ئادىتى بۇيىچە قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلماقچى ئىدى،سوغوقتىن دۈگدىيىشىپ،يۈگۈرۈشۈپ دىگۈدەك كېتىۋاتقانلاردىن سەل نۇمۇس قىلىپ قالدى.لېكىن قول كۆتۈرمەيمۇ چىن دىلىدىن دۇئا قىلىشقا باشلىدى:«ئاھ قۇدرىتى كەڭ ئاللا!بالىلىرىمنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ،دىيانەت ئاتا قىلغىن،ئۇلارنى ئىككىلا دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،مەن ئۇلاردىن مىڭ مەرتىۋە رازى...»موماي مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ كەتتى.ئوغلىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك قەھىرلىك ئاۋازى، ھېلىلا ئۇنى يەنجىپ تاشلىۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا قولىدىكى تېزگىنەكنى قارس-قۇرس قىلىپ سۇندۇرۇپ، ساپا يېنىدىكى يۇمۇلاق ئورۇندۇقنى كۈچەپ تېپىشلىرى ھە دېسە ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىۋالدى.ۋەھىمە،ئۈمۈدسىزلىك،ھاياتتىن بىزار بولۇش تۇيغۇسى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ئېزىپ-ئېزىپ پايخان قىلاتتى،يۈرۈكىنى مۇجۇپ نەپىسىنى قىساتتى.

  ـــ ئەگەر ئۇ سىزگە ۋارقىراپ-جارقىرىسىلا ياقىسىغا ئېسىلىڭ، نوچى بولسا سىزنى بىرنى ئۇرۇپ باقسۇنچۇ قېنى! ئاندىن كۆرىدۇ كۆرگۈلۈكىنى... سىز دېگەن ئانا! ئانىدەك تۇرۇڭ!

  بۇ كىچىك قىزىنىڭ سۆزى ئىدى. بىچارە قىز مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ، ئاچچىق ھەسرىتىدە ئانىسىغا ۋارقىراپ كەتكەن ئىدى. لېكىن موماي ئوغلىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلمىدى، ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى قەھىرلىك سۇندۇرۇپ، ئورۇندۇقنى زەرپ بىلەن تېپىشلىرىگە ئۈنسىز قاراپ تۇردى. يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تونۇغۇسىز دەرىجىدە ئۆزگىرىپ، قورقۇنچلۇق ۋاپاسىزلىشىپ كەتكەن ئوغلىغا ئاجايىپ بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ قاراپ تۇراتتى. «كەچۈرۈڭ ئانا! مەن ئەقىلسىزنى كەچۈرۈۋېتىڭ! مەن نېمىلەرنى قىلىپ يۈرىمەن ئانا... مەن پۇشايمان قىلدىم» دېيىشىنى مىڭلارچە تەمە قىلىپ مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇردى. ئۇ ھەرگىزمۇ يۈرەك پارىسىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلمايتتى، شۇ تاپتا خۇددى ئۆزىنى مىڭ پارە قىلىۋەتسىمۇ دەردى چىقمىغۇدەك دەرىجىدە تەلۋىلىشىپ كەتكەن ئوغلىنىڭ قولىنى ئۆزىگە تەگككۈزۈپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ «قارغىش»،«ئاسىي»، ئىككىلا دۇنيا قارا يۇز قىلىۋېتىشنى ھەرگىزمۇ خالىمايتتى...

  موماي شۇ ھالدا خېلى ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپ كەتتى.«نېمانچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغاندىمەن؟» دەپ ئويلاپ كەتتى ئۇ.«ياشلىقىمدا قايسى قىلىپ قويغان گۇناھلىرىمغا مۇشۇ كۈندە قالارمەن؟ مېنىڭدىن خېلىلا كىچىك ئاياللارمۇ بىر-بىرلەپ ھەق دۇنياغا كېتىپ بولدى، بارار جايىدىن ئورۇنمۇ ئېلىپ بولدى...» لېكىن ئۇ 80 ياشقا كىرىپمۇ يەنە بۇ دۇنيادا سۆرۈلۈپ، مىڭ زىخنىڭ ئىچىدە قورۇنۇپ، تەمتىرەپ ياشاپ كېلىۋاتاتتى. خۇدا بەندىسىگە ئۆلۈۋېلىشنى راۋا قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ قەدىناسى ھېلىم بوۋايغا ئەگىشىپ شۇ كۈنىلا قارا تۇپراققا كىرىپ كېتىۋالغان بولاتتى. لېكىن مۇقەددەس ئېتىقات بۇنىڭغا يول قويمىدى. بوۋاي 80 يېشىدا تۈگەپ كەتتى. مانا ئارىدىن 10 يىل ئۆتۈپ، مومايمۇ شۇ يېشىغا كەلدى. قانداقتۇر بىر چۈشىنىكسىز تۇيغۇ ئۇنىڭ يېشىنى 80 گە پۈتىۋەتكەندەك، ئۇنىڭ نېرىسىغا ئۆتمەيدىغاندەك ۋەھى قىلاتتى.

  بۈگۈن قۇربان ھېيتنىڭ ناماز كۈنى ئىدى.

  ـــ سەن قۇربان ھېيتنىڭ ناماز كۈنىدە تۇغۇلغان،شۇڭا ئىسمىڭنى قۇربانگۈل قويغان،ــ دەپ ھېكايە قىلىدىغان موماينىڭ مومىسى،ــ ئاناڭ رەھمەتلىك جىق ھەرەج تارتقان، داداڭ ھېيت نامىزىغا كەتكەن ئىدى، داداڭ نامازدىن قايتىپ، تۇغۇتچى ئايالنى ئۆيگە ئېلىپ كەلگۈچە ئاناڭ قانسىراپ كەتتى. ساق-سالامەت تۇغۇلغىنىڭنى كۆرۈپ ئاناڭ رەھمەتلىك خۇشاللىقتىن يىغلاپ كەتكەن ئىدى. سېنى كۆتۈرۈپ ئېمىتمەكچى بولدى، لېكىن قوللىرى قېتىپ بوپتىكەن رەھمەتلىكنىڭ... ساڭا بىر يۇتۇم سۈت بېرەلمىگىنىگە ھەسرەتلىنىپ كۆزى ئوچۇق كەتكەن...

  موماينىڭ ئېسىگە مومىسىنىڭ تالاي رەت ئېيتىپ بەرگەن ئانىسى ھەققىدىكى ھېكايىلەر كەلدى. موماي ئانىسىنى بىلمەيتتى. ئۇنى مومىسى بېقىپ چوڭ قىلغان ئىدى.«ئۆگەيلەيدۇ... » دەپ دادىسىنىڭ كېيىنكى خوتۇنىنىڭ ئالدىغا بىر ئاخشاممۇ بەرمەيتتى، ھەم ئۆزى بىر قوللۇق بېقىپ، تەربىيەلەپ 16 ياشقا كىرگەندە قوشنا مەھەللىنىڭ كۆزى بولغان ئىشچان يىگىت ھېلىمغا تاپشۇرغان ئىدى. موماينىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق، ئىچ كۆيەرلىك يېغىپ تۇرىدىغان مومىسى كەلدى. ئۆزىگە، ئاقارغان چاچلىرىغا، پېشانىسىدىكى يول-يول قورۇقلارغا ياشلىق چاغلىرىدەك ئىچ كۆيەرلىك بىلەن قاراپ كېتىدىغان بوۋىيى كەلدى. قاياقتىندۇر ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈۋاتقاندەك دادىسىنى كۆرگەندەك بولدى... ئۇ ئاچچىق ياشلاردىن تېخىمۇ خىرەلەشىپ كەتكەن گۇنسىز كۆزلىرى بىلەن قىلۋى تەرەپكە، چەكسىز ئاسمان بوشلۇقىغا تىكىلدى، يۇلتۇزلار جىلمىيىپ، گويا ھازىرلا موماينىڭ بېشىغا ساقىپ چۈشىدىغاندەك تۇراتتى...

  موماي چوڭ قىزىنى تۇغۇپ ياتقاندا، مەھەللىدە تۇيۇقسىز ئېغىر ۋابا پەيدا بولۇپ، دادىسى، مومىسى شۇ ئاپەتتە نۇرغۇن قېرى-ياش، ئۇلۇغ-ئۇششاقنىڭ قاتارى بولۇپ كۆز يۇمدى...

  ـــ ئاۋۇ ئەڭ يورۇق تۇرۇۋاتقىنى موماڭ شۇ قارا... رەھمەتلىك ئەل ئۆمرىدە ساۋابلىقتىن باشقىنى بىلمەيتتى، شۇڭا ھەممىدىن بەك يورۇپ تۇرىدۇ. يېنىدىكى پارقىراق يۇلتۇز ئاناڭ ھەجەرقىز... ئاۋۇ نېرىدىكىسى داداڭ شۇ... قارا، ئۇلار مەخسۇس ئارىلىق ساقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىككى يۇلتۇز سىغقۇدەك ئورۇننى بىزگە قالدۇرۇپ قويۇپتۇ ئەنە... بىزمۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا كېتىمىز، روھىمىز يۇلتۇز بولۇپ ئەۋلادلىرىمىزغا قاراپ تۇرىدۇ...ـــ بوۋاي شۇنداق دەپ مومىيىنىڭ كۆڭلىنى ياسايدىغان... بوۋاينىڭ دېيىشىچە، ئاسماندىكى ھەر بىر يۇلتۇز ئۆلۈپ كەتكەن بىر ئادەمنىڭ روھى ئىكەن. ھايات ۋاقىتلىرىدا ئاللاغا يېقىن تۇرغان ئىخلاسمەنلەرنىڭ يۇلتۇزى يوغان ھەم پارقىراق بولىدىكەن. ئاللاغا پۇت ئېتىپ، ئېتىقادى سۇسلىغان كۇپارلارنىڭ تولىمۇ خىرە، تۇتۇق، كىچك بولىدىكەن... موماي شۇندىن بېرى بوۋاي كۆرسەتكەن قىلۋى تەرەپتىكى 3 تال يورۇق يۇلتۇزنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىۋالدى. خۇددى مومىسىنىڭ، ئانىسى ھەم دادىسىنىڭ روھى ئۇنىڭغا ھامان قاراپ تۇرغاندەك، ئۇنىڭ ياخشى-يامان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك، خۇشاللىقىغا جۆر بولۇپ، خاپىلىقىغا ياش تۆكۈۋاتقاندەك ھېسسىياتقا چۆمۈلەتتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر