- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدىكى يەتتە ناھىيە مالىيە تولۇقلىمىسىغا ئېرىشتى
2015.08.18 13:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل، مەركەز مالىيەسى تۇنجى قېتىم 130 مىليۇن يۈەن كەسىپ تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى ئاجرىتىپ، شىنجاڭدىكى مەملىكىتىمىز بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودا يېزىسىدا ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى ئىچىگە كىرگەن يەتتە ناھىيەگە تولۇقلىما بېرىدۇ.
17-ئاۋغۇست، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، مالىيە نازارىتى، سودا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ 2015-يىللىق ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ يېزىلاردىكى ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىشتىكى 200 نەمۇنىلىك ناھىيە تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. شىنجاڭنىڭ تېكەس ناھىيەسى، ئاقسۇ شەھىرى، لوپنۇر ناھىيەسى، ساۋەن ناھىيەسى، نىيە ناھىيەسى، خوشۇت ناھىيەسى شۇنداقلا قوبۇقسار شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيەلەر تاللانغان. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر