باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭىتتى

2015.08.17 16:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىز 15 - ئاۋغۇست بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، شۇ كۈنى ئېچىلغان مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، مەملىكىتىمىز دائىرىسىدە ئارقا - ئارقىدىن كۆپ قېتىم زور، پەۋقۇلئاددە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈز بەردى، بولۇپمۇ 12 - ئاۋغۇست تيەنجىن پورتىدىكى «رۈيخەي» شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملار ئامبىرىدا ئالاھىدە زور ئوت ئاپىتى، پارتلاش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، دۆلەت ۋە خەلققە غايەت زور زىيان كەلتۈردى. جايلار بۇ ھادىسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، زور، پەۋقۇلئاددە ھادىسىلەر يۈز بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە قەتئىي چەكلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم ۋە ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇش كېرەك. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار «تولۇق قاپلاش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قىلچە يول قويماسلىق، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش» ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، بارلىق كەسىپ، ساھە، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى، كىشىلەر زىچ توپلاشقان سورۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك، تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى يوچۇقلارنى جەزمەن ئېتىشى كېرەك. قانۇنسىز، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش قىلمىشىغا قەتئىي زەربە بېرىپ، قانۇنسىز، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسىلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق باشقۇرۇش ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك. «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن ھادىسە يۈز بېرىش ئىھتىمالى بولغان يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، تەكشۈرۈشتە بايقالغان زور يۇشۇرۇن خەۋپ ۋە ئاجىز ھالقىلارنى ۋىۋىسكا ئېسىپ نازارەت قىلىپ، تولۇق تۈگىتىش، شەكىلۋازلىق قىلماسلىق كېرەك. بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى ئۈستىگە ئالغان تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە قانۇننى ئىجرا قىلىپ تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرلەرنى دەل تېپىپ چىقىپ، ئاجىز ھالقىلارنى ئېنىقلاپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈزەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى غانىبات سابۇكەي يىغىندا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ھالقىنى چىڭ تۇتىشى، بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق مۇقىم بولۇپ، ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كېچە - كۈندۈز نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋە رەھبەرلەر باش نۆۋەتچى بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئۇچۇر، ئالاقىلىشىشنىڭ راۋانلىقىغا ، جىددىي ئەھۋالغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر