باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«قوش ماتور»نىڭ تۈرتكىلىك رولى روشەن بولدى، خەلقئارا ئاپپاراتلار «يېڭى ھالەت»تىن ئۈمىدلەندى

2015.08.17 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىقتىسادىي بىخەتەر ۋە سىجىل ئاشىدىغان يولغا قەدەم قويدى

  چەت ئەل تارتقۇلىرى يېقىندا جڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا نۇرغۇن قىياسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانبولسىمۇ، لېكىن، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) جۇڭگونىڭ يېقىندىكى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە يۈرۈشۈشى ۋە ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەش قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن تەرىپلەپ: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يەنىمۇ بىخەتەر، يەنىمۇ سىجىل «يېڭى ھالەتكە» كىردى، دېدى. مۇتەخەسىسلەر: ئېلىمىز ئىقتىسادىدا ئېشىش بىشارىتى ئاساسىي جەھەتتىن كۆرۈلدى، ئېشىشتىكى «خەۋپ نۇقتىسى»دا ياخشىلىنىش بولدى، لېكىن، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، مۇقىم ئاشۇرۇش يەنىلا بەلگىلىك مەزگىلدىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ، دېدى.

  تۆۋەنلەش جەريانىدىكى يارقىن نۇقتىلار كۆرۈلۈشكە باشلىدى

  ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاستىلىغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) بەلگىلىك ئىشەنچ بىلەن: جۇڭگونىڭ 2015-يىلىدىكى GDPسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ٪7 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن، GDPنىڭ ٪6.5تىن ٪7كىچە بولغان ئېشىش سۈرئىتىنى جۇڭگوغا نىسبەتەن مۇۋاپىق دائىرىدە دېيىشكە بولىدۇ، دېدى.

  IMFنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق باھا بەردى: ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن، جۇڭگونىڭ «ئەمگەك كۈچى بازىرى ياخشى ھالەتنى ساقلىماقتا». «گۇاڭدا» ئاكسىيەسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى شۈ گاۋ مۇنداق تەھلىل قىلدى: بۇنىڭدىن سىرت، IMFنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە باشقا ئېشىشىلاردىكى «خەۋپ نۇقتىسى»دا بەلگىلىك ياخشىلىنىش بولغانلىقى، يارقىن نۇقتىلارنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقى سەۋەب بولدى. مەسىلەن: پۈتكۈل جەمئىيەتتە كرېدىتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى روشەن ئاستىلىدى؛ يېڭى خام چوت قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى يەرلىك ھۆكۈمەت مالىيەلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ؛ پۇل مۇئامىلىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىيەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە؛ ئۆي-مۈلۈكچىلىك كەسىپلىرىمۇ بەزى زۆرۈر تەكشەشلەرنى قىلدى، شۇڭا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى يەنىمۇ بىخەتەر، يەنىمۇ سىجىل يولغا كىردى، دېيىشكە بولىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر