باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندونېزىيەدە 54 نەپەر يولۇچى ئولتۇرغان بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

2015.08.17 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ھىندونېزىيە قاتناش مىنىستىرلىكى 16-ئاۋغۇست كەچتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى ئەتىگىنى يوقاپ كەتكەن ھىندونېزىيە تىلىجانا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى تېپىلدى. نەق مەيداندىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يولۇچىلار ئايروپىلانى تاغقا سوقۇلۇپ پاچاقلىنىپ كەتكەن.

  ھىندونېزىيە تىلىجاناس ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ IL-267 –تىپلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانى 16-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن پاپۇئانىڭ مەركىزىدىن ئۇچۇپ تەخمىنەن يېرىم سائەتتىن ئۆتكەندىن كېيىن يەر يۈزى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان، يولۇچىلار ئايرۇپىلانىدا جەمئىي 49 نەپەر يولۇچى ۋە بەش ئايروپىلان خادىمى بار ئىكەن.

  جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ 16-ئاۋغۇست دەلىللىشىچە، يولۇچىلار ئايروپىلانىدا جۇڭگو پۇقراسى يوق ئىكەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر