- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قارىمايدىن چىڭدۇغا بىۋاستە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بار بولدى
2015.08.18 13:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ قااماي – ئۈرۈمچى – چېڭدۇغا ئۇچىدىغان لىنىيەسى ئېچىۋېتىلدى، ئايروپىلان ھەر ھەپتىدە ئۈچ نۆۋەت قاتنايدۇ. تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭىدىن قاتنايدىغان ئايروپىلاننىڭ نومۇرى CZ6691/2 بولۇپ، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇچىدىكەن. 9:55تە قارىماي ئايرودرومىدىن يولغا چىقىپ، 10:40تا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كىلىدىكەن، ۋە 50 مىنۇت توختاپ، چېڭدۇغا قاراپ ئۇچىدىكەن، 14:45 تە چېڭدۇ شۇاڭلىيۇ ئايرودرومىغا قونىدىكەن.
CZ6692 نومۇرلۇق ئايروپىلاننىڭ قايتىدىغان ۋاقتى سائەت 15:55تە چېڭدۇدىن يولغا چىقىپ، 19:40تا ئۈرۈمچىگە قونىدىكەن، 21:00دە ئۈرۈمچىدىن يەنە قوزغىلىپ، 21:50تە قارىمايغا يېتىپ كىلىدىكەن.
نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى 8 ئايرودرومدا ئىچكىرىگە بىۋاستە ئۇچىدىغان نۆۋەتلىك ئايروپىلان بار بولۇپ، قەشقەر، كورلا، خوتەن، غۇلجا، ئاقسۇ، قاراماي، تۇرپان، قومۇل قاتارلىق جايلاردىن ئىچكىرىگە بىۋاستە بارغىلى بولىدىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر