- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئالاقىدار كارخانىلاردىن بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
2015.08.17 14:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى تيەنجىن پورت رايونىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىگە قارىتا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالاقىدار كارخانىلاردىن يېقىنقى مەزگىلدە دەرھال ھىدروگېن ئېلىش پونكىتى، ھىدروگېن ئېلىش رايونى، يېقىلغۇ ماي باك رايونى، ئاسان ئوت ئالىدىغان ئاسان پارتلايدىغان خىمىيەلىك خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتى، يېقىلغۇ يېقىلغۇ كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ كۆمۈر ساقلاش مەيدانى ۋە ئۇۋاقلاندۇرۇش سىستېمىسى، يېقىلغۇ گاز ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەبىئىي گاز سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئورۇنلار خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش، مەيدان ئىچىدە توشۇش، قاچىلاش، چۈشۈرۈش، ساقلاش ۋە ئىشلىتىش قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى باشقۇرۇش ھېساباتى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور خەتەرلىك بۇيۇملار مەنبەيىنى ئاپتوماتىك نازارەت قىلىپ كونترول قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەتىرىنى مەنبەيىدىن تۈگىتىپ، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر