باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى لىنىيە بويىدىكى 60 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى

2015.08.17 14:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى جۇڭگونىڭلا ئىشى ئەمەس، بەلكى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ئىش، نۆۋەتتە بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى لىنىيە بويىدىكى 60 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دۇنيادا ئېھتىياجنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ۋە تاشقى سودىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ئارقىسىدا، ئېلىمىز بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سودىغا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدا ئېقىمغا قارشى ئېشىش كۆرۈلۈپ، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەرگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.2 ئېشىپ، 7 مىليارد 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئېلىمىزنىڭ بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەرگە سالغان مەبلىغىنىڭ ساقلانما مىقدارى 163 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، سىرتقا سالغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تەخمىنەن % 20 ىنى ئىگىلىگەن.

  ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھات، ئىسلاھات ئارقىلىق ئېچىۋېتىش ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ كاپىتالنىڭ بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا يۆتكىلىشى تېخىمۇ راۋان بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سودا ئالاقىسى تېخىمۇ قولايلاشتى. 1-مايدىن باشلاپ، چىڭداۋ، جېڭجۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى 10 تاموژنىلار يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رايونىغا بىرىكتۈرۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارىغا رەسمىي كىرگۈزۈلدى، «بىر قانچە تاموژنىدا بىر تاموژنىغا ئوخشاش» تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قېلىپى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى شەكىللەندۈرمەكتە. شەندۇڭنىڭ لىنىيەدىن قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئەدىياللار ئىلگىرى چىڭداۋ پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىناتتى، ھازىر يېقىنراق بولغان ليەنيۈنگاڭ پورتىدىن چىقىرىلىپ، 100 كىلومېتىر ئارىلىق قىسقارتىلدى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئازايدى. تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھەققى ئازىيىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سۈرئىتى تېزلىتىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ بىر پۈتۈن ئېكسپورتى %0.9 سەل ئاشقان ئەھۋالدا، بېنگال، پاكىستان، ئىسرائىلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە مىسىر قاتارلىق بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەرگە قىلغان ئېكسپورتى ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئاشتى. ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بىر-بىرىگە تۈرتكە بولۇشى بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىدىن تېز سۈرئەتتە نەتىجە ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر