باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تيەنجىن پورتى «12- ئاۋغۇست»رۈيخەي شىركىتى خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتى پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى، پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن جايغا كېلىپ ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر، قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىۋاتقان كوماندىر- جەڭچىلەر ۋە يارىدارلارنى يوقلىدى

2015.08.17 13:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېيىنكى باسقۇچلۇق قۇتقۇزۇش، داۋالاش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

  ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋەكالىتەن تيەنجىن پورتى «12- ئاۋغۇست»رۈيخەي شىركىتى خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتى پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى، پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن جايغا كېلىپ،ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر، قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىۋاتقان ئوفىتسىر- ئەسكەر ۋە يارىدارلارنى يوقلىدى ھەم كېيىنكى باسقۇچلۇق قۇتقۇزۇش، داۋالاش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ لى كېچياڭنىڭ ئالدىنقى سەپتە ئۇدا قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىۋاتقان ئوفىتسېر ئەسكەرلەر ،ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنى يوقلىشى ۋە ھال سورىشى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ دو فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. تيەنجىن پورتى رۈيخەي شىركىتى خەتەرلىك بويۇملار ئىسكىلاتى پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى، پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭ دەرھال مۇھىم يوليۇرۇق بەردى ۋە تەستىقىىي يوليورۇق چۈشۈردى. 16- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، قازا قىلغانلارنىڭ 112گە، غايىپ بولغانلار 95 كە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ج ك ك مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مەركىزى كومىتېت، گوۋۇيۈەن، باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋەكالىتەن ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بېرىپ، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر، قۇتقۇزۇشقا قاتنىشۋاتقان ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر، يارىدارلار ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى ھەم كېيىنكى باسقۇچلۇق قۇتقۇزۇش، داۋالاش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر