باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمەت تەجرىبىسى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

2015.08.17 14:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2005-يىلى 8-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە خۇجۇ شەھىرى ئەنجى ناھىيەسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا گۈزەل تەبىئىي مۇھىت ئەڭ زور بايلىق دېگەن مۇھىم يەكۈننى چىقىرىپ، ئىقتىسادنى بىر مەھەل ئاشۇرۇشقا مۇھىتنى قۇربان قىلىشقا بولمايدۇ، ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئادەم ۋە تەبىئەت ئىناق ئۆتۈشتەك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش تەرەققىيات ۋە مۇھىتنى تەڭ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، گۈزەل مۇھىت تەرەققىيات ئېلىپ كېلەلەيدۇ، ئەمما تەرەققىيات گۈزەل مۇھىت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ دەپ تەكىتلىگەن ئىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۈزەل يۇرت ماكان قۇرۇش ھەققىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، مەملىكەت بويىچە گۈزەل يېزا كەنت قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ كېڭەيتىش ئۈچۈن يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت مەدەنىيلىك ئىشخانىسى جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھىرىدە مەملىكەتلىك يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى ئاچتى، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر خۇجۇ شەھىرىدىكى بەزى يېزا كەنتلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، گۈزەل جېجياڭنىڭ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تاماشا قىلدى، گۈزەل يېزىلار، بۇ گۈزەل يېزىلاردا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان دېھقانلارنى كۆردى، يىغىن ۋەكىللىرى گۈزەل يېزا كەنت قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى يېڭى تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇپ، جايلارنىڭ گۈزەل يېزا كەنت قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئېيتتى ھەمدە گۈزەل تاغ دەريالار بىزگە بايلىق ئېلىپ كېلىدىغان بىردىن بىر يول دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر