باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئارخىپ ۋە ھۆججەت - ماتېرىيالىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2015.08.17 16:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر 15 - ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش توغرىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان « دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى شىنجاڭ» تېمىسىدىكى ئارخىپ ۋە ھۆججەت - ماتېرىياللار كۆرگەزمىسىنى كۆردى.

  70 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، يەنى 15 - ئاۋغۇست ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن بىللە 15 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىغا بېرىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش توغرىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان « دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى شىنجاڭ» تېمىسىدىكى ئارخىپ ۋە ھۆججەت - ماتېرىياللار كۆرگەزمىسىنى كۆردى.

  كۆرگەزمە « شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ئىئانە قىلىش ھەرىكىتى» ۋە «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىدىن ھال سوراش ۋە گېرمانىيە فاشىستلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، قىممەتلىك ئارخىپ، سۈرەتلەردىن 200 پارچىدىن ئارتۇقى كۆرگەزمە قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئارخىپ ماتېرىياللار تۇنچى قېتىم سىرتقا ئاشكارىلانغان.

  ھەر بىر پارچە سۈرەت، خەرىتە ۋە بۇيۇملار جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇلار پات - پات توختاپ، تەپسىلىي كۆرۈپ، خىزمەتچىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشتەك تەسىرلىك ھېكايىلەر كۆپچىلىكنى ھاياجانلاندۇردى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ياردەم بېرىش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقى جەمئىي ئون سوقۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا « شىنجاڭ نومۇرلۇق» دەپ نام قويۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئەۋەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر ئۇستاملار ئىش ھەققىنى، قازاق تۇل خوتۇنلار 50 سەر يامبۇ، خەنزۇ ئايال شەھەر ئاھالىلىرى ئەرلىرىدىن قالغان مىراسلارنى ئىئانە قىلغان، خوتەن ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر دېھقان ئەيسا ئىئانە قىلغۇدەك پۇل - بېساتى بولمىغاچقا، 18 ياشلىق ئوغلىنى ئالدىنقى سەپكە «ئىئانە» قىلىپ، ئوغلىغا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا قەھرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلىشنى تاپىلىغان... شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئاددىي ھەرىكىتى بىلەن كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى، شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتەك سەمىمىي ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۈگۈن « دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى شىنجاڭ» تېمىسىدىكى ئارخىپ ۋە ھۆججەت - ماتېرىياللار كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش −− ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشى. قان تۆكۈش ۋە ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە يارىتىلغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىكنى قوغداش، ۋەتەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت - ئابرۇيىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۇلۇغ تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكتىلدى: شىنجاڭنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇلۇغ ئۇرۇشتا نامايان قىلغان دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى مۇنقەرز بولۇشىدا ھەربىر كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەيدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ھېلىھەم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تولىمۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىدۇر. پارتىيە رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، «بەشنى تونۇش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇلۇغ ئۇرۇشنىڭ روھىنى، ئالىيجاناپ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، « شىنجاڭچە روھ»نى ئۇرغۇتۇپ، ئۆز تەقدىرىمىزنى جۇڭخۇا مىللەتلىرى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلاپ، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى ۋە ۋەتەننىڭ ئىززەت - ئابرۇيىنى ئاڭلىق قوغداپ، ۋەتەننى پارچىلايدىغان بارلىق قىلمىشلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، شيۇڭ شۇەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار كۆرگەزمىنى كۆردى.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى، جۇڭگو 2 - تارىخ ئارخىپخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپ ئىدارىسى (ئارخىپخانىسى) بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 15 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئاممىغا ئۇزاققىچە ئېچىۋېتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر