باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندونېزىيەنىڭ 54 كىشى ئولتۇرغان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى پاپۇئادا يوقاپ كەتتى، ئايروپىلاندا جۇڭگولۇق پۇقرالار يوق

2015.08.18 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندونېزىيە قاتناش مىنىستىرلىكى 16 -ئاۋغۇست، 54 كىشى بار بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ شۇ كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىدىكى پاپۇئا ئۆلكىسىدە يوقاپ كەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئايروپىلاندا 49 يولۇچى ۋە 5 ئايروپىلان خادىمى بار بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ 3 سى ئۆسمۈر بالا، 2 ئى بوۋاق بالا ئىكەن.

  ھىندونېزىيە قاتناش مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى باراتتا مۇنداق دېدى، ھىندونېزىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ il-267 -قېتىملىق بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ يەر ۋاقتى سائەت 14 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، پاپۇئا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى دجاجاپۇرادىن ئۇچقان بولۇپ، تەخمىنەن سائەت 14 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئايروپىلاننىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.

  ھاۋا رايى ناچار بولغاچقا، شۇ كۈنكى ئىزدەش خىزمىتى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان.

  جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 16 -ئاۋغۇست، شۇ كۈنى يوقاپ كەتكەن ھىندونېزىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىدا جۇڭگو پۇقراسى يوقلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر