«شىنجاڭنىڭ مەخسۇس گىلەم يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، «كېيىنكى نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە چوڭراق ئورۇن بەرسە دەيمەن»، «كېيىنكى نۆۋەتلىك يەرمەنكىگىمۇ كېلىمەن، سودا يەرمەنكىسىنىڭ بارغانسېرى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈلىشىگە تىلەكداشمەن»... 2015-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا تاۋارلىرى سودا يەرمەنكىسى 12-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، دۆلىتىمىز ئىچى-سىرتىدىن جەمئىي 824 كارخانا يەرمەنكىگە قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىز ئىچىدىن 622 كارخانا، چەت ئەللەردىن 202 كارخانا كەلدى.
تۆۋەندە، دۆلىتىمىز ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن بۇ كارخانىلارنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى.
ئىرانلىق سودىگەر مۇرتازا: شىنجاڭنىڭ مەخسۇس گىلەم يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ يەرمەنكە ئاياغلاشقاندىن كېيىن خوتەنگە بېرىپ بىر گىلەم يەرمەنكىسىگە قاتنىشىمەن.