باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «مىللىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى قارار»نى تارقاتتى

2015.08.18 15:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىم مەزمۇنى: «قارار»دا 2020 - يىلىغا بارغاندا مىللىي رايونلار مائارىپىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئاساسلىق كۆرسەتكۈچىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ ياكى يەتكۈزۈپ، ئاساسىي جامائەت مائارىپ مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپچىقىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىككۈچەيتىشكە مۇلازىمەت قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا «مىللىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى قارار» تۆۋەندە «قارار»نى تارقىتىپ، مىللىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. «قارار»دا ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە مىللىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، نىشانى، ۋەزىپىسى ۋە سىياسەت، تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا مىللىي رايونلار مائارىپىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئاساسلىق كۆرسەتكۈچىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ ياكى يەتكۈزۈپ، ئاساسىي جامائەت مائارىپ مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىشكە مۇلازىمەت قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «قارار»دا مۇنداق دېيىلدى: مىللىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما. بۇ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىدە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تارىخ، تەبىئىي شارائىت قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مىللىي مائارىپنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بىلەن بولغان پەرقى يەنىلا چوڭ. شۇڭا، مىللىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

   «قارار»دا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ۋە مىللىي سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەمنى ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە تەربىيلەشنى ئاساس، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مۇلازىمەت قىلىش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشنى يۆنىلىش قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلاردىكى ئاممىنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەش كېرەك. بىرىنچىدىن، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدە دېگەن ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مائارىپ ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇللىرىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش؛ ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقىسى، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا ئۆزلىشىشىنى كۈچەيتىش؛ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بىر - بىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆزئارا قوبۇل قىلىشىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مائارىپتىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپىنى تېز ئومۇملاشتۇرۇپ، مەجبۇرىي مائارىپنى تەكشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، داۋاملىق تەربىيەنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاھىدە مائارىپنى قوللاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت ۋە مىللىي رايونلاردا ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش كۆلىمىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ، مىللىي رايونلار ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مىللىي سىنىپلارغا ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇشى ۋە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپ ۋە ئىنستىتۇتلارنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، مىللىي مائارىپتىكى ئاجىز ھالقىلار قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش كېرەك. ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى، مۇقىملىق نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ چېگرا رايوندىكى مىللىي رايونلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش؛ «قوش تىل» مائارىپىنى ئىلمىي ھەم مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بەشىنچىدىن، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش تۈزۈمى ۋە مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى ۋە سىياسىي ساپاسى، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئالتىنچىدىن، مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى شارائىت جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللىي مائارىپنىڭ سېلىنمىسىنى ھەقىقىي كۆپەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يەتتىنچىدىن، مىللىي مائارىپقا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللىي مائارىپنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر