كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان 2015-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا تاۋارلىرى سودا يەرمەنكىسى ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەن ئاسىيا، ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئوكيانىيە ۋە ئافرىقا قاتارلىق 46 دۆلەتتىن ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۆزگىچە مەھسۇلاتلار بىر يەرگە جەم بولدى. ئىگىلىنىشچە، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە «ئىخچام، سەرخىل، كەسپىي» بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، توقۇمىچىلىق-كىيىم-كېچەك كەسپى كۆرگەزمىسى ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى-يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئىككى ئاساسلىق كۆرگەزمە رايونى، ئۈنچە-مەرۋايىت، قاشتېشى، قول ھۈنەر نەپىس بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى كۆرگەزمىسى ۋە چەت ئەل نەپىس بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئۈچ قوشۇمچە كۆرگەزمە رايونىغا بۆلۈنگەن. ئۇ ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى بىلەن «ئاچا-سىڭىل» كۆرگەزمە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپلەر تەرەققىياتى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى تېزلىتىدۇ.