باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، تەلتۆكۈس تۈگىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايون بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا جىددىي تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى

2015.08.18 20:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 17 - ئاۋغۇست بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا جىددىي تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كۆرسەتمە، تەستىقىي يوليورۇقلىرىنىڭ روھى، مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ تەلىپىنى ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەشنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «تۆت تۈرلۈك تەلىپى» ۋە «ئۈچ مۇھىم نۇقتا» تەلىپىگە ئاساسەن، «ئۈچ تۈرلۈك خىزمەت»نى كەڭ قانات يايدۇرۇشىمىز، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، تەلتۆكۈس تۈگىتىشىمىز كېرەك.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، لېكىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ھەم مۇرەككەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە يەنىلا نۇرغۇن پەرق ۋە يېتەرسىزلىك مەۋجۇت. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خىمىيە سانائىتى، نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ۋە چوڭ تىپتىكى ماي ئىسكىلاتى، كۆمۈر كان قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار ئەڭ كۆپ، كۆلىمى چوڭ، بۇ كارخانىلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە تەلتۆكۈس تۈگىتىشتىكى مۇھىم نۇقتا، شۇنداقلا قىيىن نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. بۇ ساھەلەردە مەۋجۇت بولغان زور يوشۇرۇن خەۋپلەرنىڭ ھەممىسىنى تۈگىتىشنى رويخەتكە ئېلىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا تاماملىشىمىز كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، «ئالتىگە زەربە بېرىش، ئالتىنى تۈزەش»، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىشقا زەربە بېرىش ۋە بەلگىلىمە، قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلاتلارنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى، شۇنىڭدەك خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار ۋە ئاسان يانىدىغان ۋە پارتلايدىغان بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. جايلار، تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان «ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، قەتئىي تاقەت قىلماسلىق، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش» تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، گوۋۈيۈەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۈچ تۈرلۈك خىزمەت»نى قانات يايدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ئەڭ قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇش، ئەڭ قاتتىق ئۆلچەم قويۇش، ئەڭ قاتتىق تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى؛ مەنبەدىن تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئۈزۈل - كېسىل ھەقىقىي تۈگىتىشى؛ پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەم قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تەلىپىنى ھەرقايسى ساھەلەر، ھەرقايسى ھالقىلار، ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىكى تەلەپچان، راستچىل بولماسلىق مەسىلىلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تېپىپ چىقىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى غانىبات سابۇكەي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىڭتۈەننىڭ سىلىڭيۈەنى ليۇ شىنچى يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ قاسىم مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەم بۇ يىل يانۋاردىن ئىيۇلغىچە بولغان مەزگىلدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ۋە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۇقتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر