خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا نان شەھەرچىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىچكى قىسىمدىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، گاز يېقىلغۇ قىلىنىدىغان زىيانسىز كۇچا چوڭ نېنى، كۇچا تۇقىچى، كۇچا شىرمەن نېنى قاتارلىق يەرلىك ئالاھيىدىلىككە ئىگە نان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ ، ئىستىمالچىلارنىڭ ئېھتىياقىنى قاندۇرۇشنى ئاساس مەۋقە قىلىش بىلەن بىرگە « نان شەھەرچىسى ساياھەت رايۇنى » نىڭ ئەۋزەلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشۋىقات ۋە ساياھەتچىلىك بىر گەۋدىلەشكەن كۇچا نېنىنى سىرىتقا تۇنۇشتۇرۇش پاائلىيەتلىرىگە ئالاھىيىدە ئەھمىيەت بېرىپ، كۇچا چوڭ نېنىڭ سىرىتقا سېتىلىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.نۆۋەتتە، كۇچا نان شەھەرچىسىنىڭ كۈندىلىك نان ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 4500 دانىدىن ئېشىپ، كۇچادىكى ھەر مىللەت ئاممسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئىچى ۋە سىرىتىدىكىلەرنىڭ زاكازلىق ئىستىمال قىلىدىغان مەھسۇلاتىغا ئايلاندى .
سۈرەتتە: 15 – ئاۋغۇست ئېلىپ بېرىلغان كۇچا چوڭ نېننى تۇنۇشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى