باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يەر شارىدىكى 24 ئادەم 2024-يىلى مارسقا كۆچمەن بولۇپ كېتىدىكەن(2)

2014.01.06 09:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىگىلىنىشىچە، دەسلەپكى قەدەمدە تاللانغان 1058 ئادەم يەنىمۇ شاللىنىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا 24 ئادەم ئېشىپ قالىدىكەن. ئۇلار 2024-يىلى سەپەرگە ئاتلىنىپ، مارسقا بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىمقى مارس سەپىرىنىڭ قايتىپ كېلىش بېلىتى يوق ئىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلار مارسقا كەتكەنچە قايتىپ كەلمەيدىكەن. بۇ 24 يەر شارى قەھرىمانى مارستا ئۆلۈپ كەتكۈچە كۆچمەن بولۇپ تۇرىدىكەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بېرىشنىڭلا بېلىتىنى ئالغان ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ 200 مىڭ ئىلتىماس قىلغۇچى ئايرىم-ئايرىم 107 دۆلەتتىن كەلگەن، دەسلەپكى قەدەمدە تاللانغان 1058 ئادەمنىڭ 297 سى ئامېرىكىلىق، 75 ى كانادالىق، 62 سى ھىندىستانلىق، 52 سى رۇسىيەلىك ئىكەن. دەسلەپكى قەدەمدە تاللانغانلارنىڭ %55 سى ئەر، %45 ى ئايال بولۇپ، ھەممىسى ياش ئىكەن، 357 سى 25 ياشتىن تۆۋەن، 415 سى 35 ياشقا توشمىغان ئىكەن، پەقەت 26 سى 56 ياشتىن ئاشقان ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2-باسقۇچلۇق تاللاش بۇ يىل ۋە 2015-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، مەشىق دەرسلىرى- مارستا قاتتىق تەقلىدىي ياشاش مەشىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە مەشىقلەندۈرۈلگۈچىلەرنىڭ بەدەن ئىقتىدارى ۋە كەيپىياتىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىدىكەن. ئاخىرىدا ئۇتۇپ چىققان 24 ئادەم 2024-يىلى ئالتە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ تەرتىپ بويىچە مارسقا قاراپ ماڭىدىكەن، ھەر تۈركۈمدە تۆت ئادەم سەپەرگە چىقىدىكەن، ئۇلار يەر شارىغا 55 مىليون كىلومېتىر كېلىدىغان، ھاۋاسى شالاڭ، نەپەس ئېلىش قولايسىز، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن بولغان مارسقا بارىدىكەن، پۈتكۈل سەپەرگە ئالتە ئايدىن يەتتە ئايغىچە ۋاقىت كېتىدىكەن.

  نۆۋەتتە «مارس 1-نومۇر» ئامېرىكا ئايروپىلان شىركىتى لوكخىدمارتىننىڭ ئالەم بوشلۇقى تارمىقى بىلەن قونۇش بۆلمىسى ياساش كېلىشىمى ئىمزالىدى، 2018-يىلى سىناپ ئۇچۇش باشلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى مارسقا كۆچمەن بولۇش پىلانىنىڭ تەننەرخى ئاز دېگەندە ئالتە مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولىدىكەن، نۆۋەتتە تېخىمۇ يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. شۇڭا ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ باشقا مەبلەغ توپلاش چارىلىرىنى ئويلىغان، بۇلارنى 2-باسقۇچتا تاللانغانلارنى مەشىقلەندۈرۈش ۋە قايتا تاللاشنى مەزمۇن قىلىپ، تاماشىبىنلار ئاۋاز بېرىپ قارار قىلىدىكەن.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر