ئۆز مۇخبىرىمىز قۇربانجان يۇنۇس خەۋىرى، فوتوسى: 1-يانۋار چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى گۈزەل قاشتېشى مېھمانسارىيىنىڭ يىغىن زالىدا شىنجاڭ بايلىق كۇلۇبىنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا بايلىق كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى، ھەر قايسى ساھەلەردىن تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلار، شۇنداقلا تاراتقۇلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
يىغىندا بايلىق كارخانىچىلار كۇلۇبىنىڭ پەخرىي باشلىقى ئارۇپ مەتنىياز سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بايلىق كارخانىچىلار كۇلۇبى قۇرۇلغان قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە، جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم كارخانىچىلار ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىدىكى ياشلارنى ئۆزىگە جەم قىلىپ، ئۇلارنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كارخانا قۇرۇش، باشقۇرۇش جەھەتتىكى تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ، كارخانىچىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا دوستلۇق، ھەمكارلىق ئورنىتىش جەھەتتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچى ياشلار ئۆزىدە تېخىمۇ چىڭ ئىرادە تۇرغۇزۇپ، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنى قۇرۇپ، جەمئىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشتى. مەن بايلىق كۇلۇبىنىڭ يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
يىغىن جەريانىدا، كۇلۇب باشلىقى قەيسەر تاھىر بايلىق كارخانىچىلار كۇلۇبىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، شۇنداقلا يېڭى يىللىق خىزمەت پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭ تاۋلان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى شەمسىدىن مەسۇم قاتارلىق كۇلۇب ئەزالىرى بايلىق كۇلۇبىغا ئەزا بولغاندىن كېيىنكى تەسىراتى، شىركىتىدە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ ئۆتتى. يىغىن ئاخىرىدا ئىلغار كۇلۇب ئەزالىرى مۇكاپاتلاندى ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان بارلىق مېھمانلار بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.