باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

2014.01.02 18:37         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىز مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى بەلگە قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تىرىشىش نەتىجىسىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى يېڭى ئۈمىد بەخش ئېتىش بىلەن بىللە، بىزگە يېڭى بۇرچ يۈكلىدى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى چىقىش قىلغاندا، شىنجاڭ بۇ يىل ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە يېڭى تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كېلىدۇ.

  يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىشتا، يېقىنقى مەزگىلدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي كۆرسەتكۈچى، ئاساسلىق پىرىنسىپى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى ئۆتكۈر قورالغا ئايلىنىپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا، بىز مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك قارار – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە قويۇلغان يېڭى تەلەپنى توغرا ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىشتا، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇشتىكى ئاساسىي قوشۇن ۋە باشلامچى بولۇش كېرەك. مەركەز ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك قارارنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ شىنجاڭغا نىسبەتەن مۇھىم تارىخىي پۇرسەت. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇش توغرىسىدا مەخسۇس مۇھىم تەستىقى يوليورۇق بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، زور ئۈمىدلەرنى كۈتتى. شىنجاڭ ئېلىمىزنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى جەزمەن چىڭ تۇتۇپ، يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈك، كۈچلۈك پۇرسەت ئېڭى ۋە زىممىسىگە ئېلىش روھى ئارقىلىق، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇشتىكى ياخشى ئاساسىي قوشۇن، باشلامچى بولۇپ، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىپ، پەيتنى پەملەپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىشتا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نىشان – ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا، 2020 – يىلىدىن ئىلگىرىكى تۈرلۈك ساھەلەر ئىسلاھاتى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي تەسىرگە ئىگە. بۇ شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ يېڭى پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن، بىز جەزمەن ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۈرلۈك ئامىللارنى تولۇق ھەرىكەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يوشۇرۇن ئەۋزەللىكىنى رېئال ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. پۇرسەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن خىرىسنى كۈتۈۋېلىپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى مېخانىزم، تۈزۈلمىدىكى نۇقسانلارنى تۈگىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىچكى – تاشقى پۇرسەت بىرلەشكەن ئەۋزەللىك گەۋدىلەندى. بىز ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە داۋاملىق يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەنسىلا، جەزمەن يېڭى بۆسۈش، يېڭى ھالقىشنىڭ ئىشقا ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر