1-يانۋار، رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ۋولگاگرادتا ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن (ئوتتۇرىدا) تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى ئاچتى
1-يانۋار سەھەر ، پۇتىن رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ۋولگاگرادقا يېتىپ كېلىپ ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى ئېچىپ ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ 2013-يىلى 29-دېكابىر ۋە 30-دېكابىر كۈنلىرى يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھۇجۇملىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى . يىغىندىن كېيىن ، ئۇ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ يارىلانغانلارنى يوقلىدى ، ئارقىدىن ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانلارغا بېرىپ قازا قىلغانلار ئۈچۈن گۈل تەقدىم قىلدى .
ئىگىلىنىشىچە ، 2013-يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرى ، رۇسىيە ۋولگاگرادتا بىر سوتكىغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بېرىپ ، جەمئىي 34 ئادەم قازا قىلغان ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان . تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ، ۋەقەنىڭ خاراكتېرى تېررورلۇق ھۇجۇمى ، دەپ بېكىتىلگەن .