باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئىدىيەنى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرەيلى!

2014.01.02 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئىدىيەنى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرەيلى!شى جىنپىڭ پۈتكۈل پارتىيەنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىرادىسى بىرلىككە كەلگەندىلا، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىرادىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

  بۇ يەردە مەن ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېتەكچى ئىدىيە، ئومۇمىي تەپەككۇر، نىشان-ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

  بىرىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي نىشانى قىلىش كېرەك. يولداش دېڭ شياۋپىڭ 1992-يىلى «يەنە 30 يىلدىن كېيىن، ھەر قايسى جەھەتلەردە تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، تېخىمۇ قېلىپلاشقان تۈزۈمنى بارلىققا كەلتۈرەلەيمىز» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى ئاساسىدا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈر تەلىپى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مەقسىتى. بۇ قېتىمقى 3-ئومۇمىي يىغىندا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىپ، بىر ياكى بىرقانچە ساھەدىكى ئىسلاھاتنى ئەمەس، بەلكى بارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئومۇمىيىتى كۆزدە تۇتۇلغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر