باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى(1)

2014.01.02 09:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى يىل قوڭغۇرىقى چېلىنىش ئالدىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق، 2014-يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەتئەللەردىكى مۇھاجىرلار ۋە دۇنيا خەلقىگە بەخت، خاتىرجەملىك تىلىدى.

  خانىملار، ئەپەندىلەر، يولداشلار، دوستلار: بىز ئۈمىدكە تولغان 2014-يىلىنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز.

  يېڭى يىل كېلىشى بىلەن ھەممە ئىشلار يېڭىلىنىدۇ. مەن بۇ يەردە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەتئەللەردىكى مۇھاجىرلار، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر، ھەر قايسى رايونلاردىكى دوستلارغا يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن بەخت تىلەيمەن.

  ياشانغانلارغا ساغلاملىق، بالىلارغا شادلىق، ھەر بىر ئائىلىگە بەخت ۋە ئامانلىق تىلەيمەن!

  كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋاتقان بۇ پەيتتە، سانسىزلىغان ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار، كادىرلار خىزمەت ئورنىدا يەنىلا چىڭ تۇرۇپ ئىشلىمەكتە؛ كۆپلىگەن قېرىنداشلار يەنىلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا؛ نۇرغۇن خەلق ئازادلىق ئارمىيە ۋە قۇراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر ساقچىلىرى شەرەپلىك بۇرچىنى ئادا قىلماقتا. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ۋەتەندىن، ئۇلۇغ تۇغقانلىرىدىن يىراق ، بەزىلىرى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولالمايدۇ.

  مەن ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىزگە ۋاكالىتەن ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن، ئۇلارنىڭ ئامان ئېسەن ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن.

  2013-يىلى دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزگە نىسبەتەن ئادەتتىكىدەك بولمىغان بىر يىل، بىز تۈرلۈك قېيىنچىلىقلار ۋە خرسلارنى يېڭىپ، يېڭى كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتتۇق. نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، بۇنىڭغا كۆپچىلىكنىڭ قان تەرى سىڭگەن، مەن كۆپچىلىككە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

  2013-يىلى بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇردۇق، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزدۇق.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر