باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بىرلىكتە «تاماكا چەكلەش بۇيرۇقى» چىقاردى، تاماكا چەكلەش «ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور سىياسىي يار-يۆلەك»كە ئېرىشتى

رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن تاماكا چەكلىشى لازىم

2014.01.02 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئاممىۋىي سورۇندا تاماكا چەكلەشكە دائىر ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، رەھبىرىي كادىرلارغا ئاممىۋىي سورۇندا تاماكا چەكمەسلىك ھەققىدە كونكرېت تەلەپ ۋە ئېنىق قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ئىستىل ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلىۋاتقان ئەھۋالدا، رەھبىرىي كادىرلاردىن باشلامچىلىق بىلەن تاماكا چەكلەشنى تەلەپ قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋىي سورۇندا تاماكا چەكلەش مۇساپىسىدىكى كۈچلۈك سىگنال بولۇپلا قالماستىن، كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، چىرىكلىشىش، ئىسراپچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىشىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.

  تاماكا چەكلىگۈچى زاتلار «ئالتۇن مەزگىل»گە قەدەم قويدۇق دېيىشتى، جايلاردا تاماكا چەكلەش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقاردىجۇڭگو تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى شۈ گۈيخۇا مۇخبىرغا: «يېقىندىن بۇيان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كەسىپداشلار ۋە تاراتقۇلار تېلېفون بېرىۋېرىپ، يانفونۇمنى پارتلىتىۋەتكىلى تاسلا قالدى. جۇڭگونىڭ تاماكا چەكلەش ئىشلىرى ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سىياسىي يار-يۆلەككە ئېرىشتى» دېدى. دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاماكا ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى، ئەڭ چوڭ بەڭگە دۆلىتى، تاماكىدىن زىيانلانغۇچىلار ئەڭ كۆپ دۆلەت. 2003-يىلى ئېلىمىز «تاماكا تىزگىنلەش رامكا كېلىشىمى»گە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئۆلكە-بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە ئاممىۋىي سورۇندا تاماكا چېكىشنى چەكلەش نىزامى چىقىرىلدى، لېكىن تاماكىنىڭ يامرىشى پەسەيمەستىن، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتتى.

  كەسپ ئەھلىلىرى مۇنداق دېدى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، دۆلىتىمىزدە ئاممىۋىي سورۇندا تاماكا چېكىشنى چەكلەشنىڭ قىيىن بولۇشىدا بىر قىسىم رەھبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. تاماكا چېكىش كارايىتى چاغلىق شەخسى ئادەت، ھەتتا «رەھبىرىي سالاپەت»نىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىدۇ، كۆرۈشكەندە تاماكا تۇتۇپ گەپ باشلىنىدۇ، چوڭ-كىچىك يىغىن سورۇنلىرى ئىسقا تولۇپ كېتىدۇ؛ ئورگانلاردا تاماكا چەكلەش قىيىن، نازارەت كەمچىل، جازا بېرىشقۇ يوقنىڭ ئورنىدا.

  «رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئاممىۋىي سورۇندا تاماكا چەكلەشكە دائىر ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا زور ئۈمىد باغلاندى، جايلارنىڭ تاماكا تىزگىنلەش، تاماكا چەكلەش ھەققىدىكى يېڭى بەلگىلىمىلىرىمۇ كىشىنى تەقەززا قىلماقتا. «لەنجوۋ شەھىرىنىڭ ئاممىۋىي سورۇندا تاماكا چەكلەش نىزامى» 1-يانىۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، «چاڭچۈن شەھىرىنىڭ تاماكا ئىسىنىڭ خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش چارىسى» 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، بېيجىڭ شەھىرى 2015-يىلىغا بارغاندا ئۈستى يېپىق سورۇندا تاماكا چېكىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەشنى پىلانلىدى. نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەردە ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تاماكا چەكلەش ۋە تىزگىنلەشكە ئائىت نىزام، قائىدىلەر تاماكا چەكلەش ۋە تىزگىنلەش ئىشلىرىنى «ئالتۇن مەزگىل»گە ئېلىپ كىردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر