باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى (2)

2013.02.07 14:26        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق. يىغىن تەييارلىقى، تەشكىللەش ۋە يىغىن نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ ياخشىلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. چوڭ يىغىندا سۆز قىلىش ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تەسىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۇنى ئەزالارنىڭ تەدبىر كۆرسىتىشىدىكى ياخشى سەھنىگە ئايلاندۇردۇق. بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى، گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، مول ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئۇنى ئەزالارنىڭ ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار تارماق مەسئۇللىرى بىلەن يۈزمۇيۈز ئەھۋاللىشىدىغان، پىكىرلىشىدىغان، ھەر مىللەت، ھەرساھەنىڭ دېموكراتىك كېڭىشىپ، باراۋەر مۇھاكىمە قىلىدىغان مۇھىم سورۇنىغا ئايلاندۇردۇق. 10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بەش قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، ئەزالار ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ 12 – بەش يىللىق›› پىلانىنى تۈزۈشنى، ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى ۋە باشقا دوكلاتلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىدى.

  دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى كېڭىشىشى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بىز دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ كېڭىشىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تېمىلارنى مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىش، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ مۇھىم رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇردۇق. 10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش جەمئىي 20 قېتىم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، 3 – كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇشنى يېڭىلاشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ رولىنى جارىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى تەييارلىدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بۇ كېڭىشىش نەتىجىلىرىنى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ تەستىقلاپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بىز سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇش، تەشكىلىي شەكلى، خىزمەت نۇقتىسى، مۇھىم نۇقتىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش ئۈستۈنلۈكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. ئالاقىدار تارماقلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى مايلىق قۇم كانى قاتارلىق غەيرىي مۇنتىزىم نېفىت – گاز بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ئۈستىدىكى تەتقىقات ۋە دەلىللەشكە تەشكىللەپ، مايلىق قۇم كانىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، بايلىق ئېچىشتا يەرلىكنىڭ مەنپەئەتىنى ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نۇرغۇن ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق. ئەزالارنى يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، خاس سۈتچىلىك، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى ۋە يېڭىلىق يارىتىلىدىغان كەسىپلەر تەرەققىياتى، تاشقى ئىقتىساد – سودا خىزمىتى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى مۇھىتى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش يېزا ئىگىلىكى، ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش، كۆمۈرلۈكتە ئوت ئۆچۈرۈش، سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش قاتارلىق تېمىلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەپ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ – پىكىرلەر پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرىنى پائالىيەتلەرگە تەشكىللەشنىڭ تەشكىلىي ۋە مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى كۆزدىن كەچۈرۈشى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىغا پائال ماسلىشىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئارقىلىق مەركەزگە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مۇھىم مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلدۇق.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە