باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى (4)

2013.02.07 14:26        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋەزىيەت تەلىپىگە ئاڭلىق ماسلىشىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

  سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى. ئەزالارنىڭ ئۆگىنىشى بىلەن فۇنكسىيە ئادا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش لېكسىيەسىگە ئۇيۇشتۇرۇش، تەربىيەلەش كۇرسى، دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزۈش، ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى تۈزۈپ تارقىتىپ بېرىش، ئىچكى قەرەللىك ژۇرنال چىقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەزالارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشى، ئۆز – ئۆزىنى تەربىيەلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. ئەزالارنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشى بويىچە ۋاقتلىق بەلگىلىمە تۈزۈپ، ئەزالار ئارىسىدا مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر ساھەدىكى ئەزالارنى قەرەللىك يوقلاپ، ئەزالاردىن شان – شەرەپ ۋە مەسئۇلىيەتنى، ئۆز خىزمىتى بىلەن سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇپ ۋە بىرياقلىق قىلىپ، فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ رولىنى نامايان قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق.

  پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتتۇق. دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشىنى پائال قوللاپ، پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىنى سىياسىي كېڭەش مەخسۇس كومىتېتلىرىدا قوشۇمچە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردۇق، پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنى سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرىدا سۆز قىلىشقا نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇردۇق، پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار بەرگەن تەكلىپ ۋە ئىنكاس قىلغان ئۇچۇرلارنى بېجىرىشكە پارتكوم، ھۆكۈمەتكە يوللاشقا ئەھمىيەت بەردۇق، مۇھىم كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش، كېڭىشىش پائالىيەتلىرىگە پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنى پىلانلىق قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدۇق. بەش يىلدىن بۇيان، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

  مەخسۇس كومىتېتلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. ئاپپارات تەسىس قىلىش، خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، خىراجەت كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن مەخسۇس كومىتېتلار خىزمىتىنى قوللاشنى يەنىمۇ زورايتىپ، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈستۈنلۈكنى نامايان قىلىپ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردۇق. مەخسۇس كومىتېتلار خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى.

  ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتتۇق. كۆپ قېتىم ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىدۇق ۋە ئالماشتۇردۇق. ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش كادىرلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش خىزمەتلىرىگە ۋاقتىدا يېتەكچىلىك قىلدۇق. بىڭتۈەندىكى سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى، فۇنكسىيە ئادا قىلىشى، يىغىنغا قاتنىشىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئايدىڭلاشتۇردۇق. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى.

  دائىملىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتتۇق. تەكلىپ خىزمىتىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ تەكلىپ بېجىرىش ئەھۋالىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر تەكلىپ ۋە تەكلىپ بېجىرىشتىكى ئىلغار ئورۇنلارنى تەقدىرلىدۇق. ئۇچۇر خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇچۇر يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىنكاس قىلغان جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنىڭ ۋاقت ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، جامائەت پىكرى ئەھۋالىنى توپلاش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت بېرىش رولىنى گەۋدىلەندۈردۇق. تارىخ ماتېرىياللىرى خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئازادلىقتىن كېيىنكى مۇھىم تارىخ ماتېرىياللىرىنى توپلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ماسلاشتۇرۇپ، ‹‹ئۆزى بىۋاسىتە قاتنىشىپ بېشىدىن كەچۈرگەن، ئۆزى بىۋاسىتە كۆرگەن، ئۆزى بىۋاسىتە ئاڭلىغان›› تارىخ ماتېرىياللىرىدىن 8 مىليون خەتلىكتىن ئارتۇق تۈرلۈك تارىخ ماتېرىياللىرى توپلاندى، ‹‹شىنجاڭ ھەققىدىكى ئاغزاكى بايان›› قاتارلىق مەخسۇس تېمىدىكى كىتاب ۋە تارىخ ماتېرىياللىرىدىن 6 مىليون خەتلىكتىن ئارتۇق كىتاب نەشردىن چىقىرىلىپ، تارىخ ماتېرىياللىرىنىڭ تارىخنى ساقلاپ قېلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت بېرىشتىكى ئۆزگىچە رولى جارى قىلدۇرۇلدى.

  ئورگاننىڭ ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. ئىدىيەۋى ئىستىل ۋە خىزمەت ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئۈنۈمى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كادىرلارنى تەربىيەلەپ ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ روھىي قىياپىتى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەرگە نەزەر سالغىنىمىزدا، خىزمەتلەردە ساقلانغان بەزى ئاجىز ھالقىلارنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەك، ئاساسلىقى سىياسىي كېڭىشىشنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىشكە، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى ئادا قىلىشنىڭ شەكىل – ئۇسۇللىرى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ساھە ئالاھىدىلىكى خىزمەت ئەمەلىيىتىدە يېتەرلىك گەۋدىلەندۈرۈلمىدى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلمىدى، سىياسىي كېڭەش نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈشكە، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئەزالار! بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەرگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىزكى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، كۆپ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەركەزگە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلدى، شىنجاڭنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە تەتقىقات تېمىسى چىقىرىپ بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشكە ماددىي بۇيۇم ھەدىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلدى، ياردەم بەردى ۋە ئۇنى قوللىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھەر يىلى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشكە تولۇق ئىشەندى. 2010 – يىلى 12 – ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەخسۇس سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‹‹خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسىي كېڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ھۆكۈمەت – سىياسىي كېڭەش رەئىسلىرى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى ئورنىتىپ، تەكلىپ بېجىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى بىلەن سىياسىي كېڭەش مەخسۇس كومىتېتلىرى ئارا دائىملىق ئالاقە ئورناتتى، بۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت ۋە سىياسىي كېڭەش ئوتتۇرىسىدىكى خىزمەت ھەمكارلىقى تېخىمۇ قويۇق، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى يولداش جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى يولداش نۇر بەكرى قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم سىياسىي كېڭەشكە كېلىپ يوقلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلىپ، ئەزالارنىڭ پىكرىنى بىۋاسىتە ئاڭلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى خەۋەرلەندۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ لايىھەسى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ۋە جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا كۆرۈپ تەستىق سېلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەتلىرىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتىنى ئەتراپلىق مۇجەسسەملەشتە ياخشى ئۈنۈم بەردى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە ‹‹پارتكوم ئەھمىيەت بېرىدىغان، ھۆكۈمەت قوللايدىغان، سىياسىي كېڭەش تەشەببۇسكار بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپ ماسلىشىدىغان›› ياخشى ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

  بۇ يەردە مەن ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشكە ۋەكالەتەن خىزمەتلىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلگەن، خىزمەتلىرىمىزنى قوللىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە، ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتكە سەمىمىي تەشەككۈر ئېيتىمەن! ئاپتونوم رايوندىكى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلارغا، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!

  ئىككىنچى، خىزمەت داۋامىدىكى ئاساسلىق تەسىراتىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىگە نەزەر تاشلاپ، فۇنكسىيە ئادا قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىنى يەكۈنلىگىنىمىزدە، شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىزكى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى بەزى مۇھىم تەجرىبىلەر ھەم ئۇزاقتىن بېرى جۇغلانغان قىممەتلىك بايلىق ھەم بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتىكى پايدىلىق مەدەت بولۇپ، بىزنىڭ ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

  1. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ساقلاش كېرەك

  10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش باشتىن – ئاخىر پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى توغرىسىدىكى فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، مۇھىم ئىشلارنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا دوكلات قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا سىياسىي كېڭەش خىزمەتلىرىنى ياخشىلاش توغرىسىدا ئاكتىپ تەكلىپ بېرىپ، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئومۇملۇق خىزمىتىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. بىز پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشىگە بولغان رەھبەرلىك ئورنىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسىدىكى مۇھىم رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە شىنجاڭ خەلقىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، باشتىن – ئاخىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن ئىدىيەدە بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە، نىشاندا بىر نىيەت – بىر يۆنىلىشتە، خىزمەتتە بىر نىيەت – بىر يولدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم.

  2. ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك

  شىنجاڭدا، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىش، ھەرمىللەت ئامما ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى ھېسسىياتنى كۈچەيتىش ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىشەنچلىك كاپالىتى، شۇنداقلا سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم تەرەپ. 10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش باشتىن – ئاخىر ئىتتىپاقلىق دەرىجىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىتتىپاقلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئىتتىپاقلىق رىشتىنى چىڭىتىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ئەقىدىسىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھى ئارقىلىق جاسارەتنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئۇلۇغۋار ئىشلار كەڭ دائىرىدىكى ئىتتىپاقلىققا موھتاج. بىز باشتىن – ئاخىر ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىتتىپاقلىقنى يەنىمۇ قەدىرلەپ، ئىجتىمائىي ئاساس، ئاممىۋى ئاساس، سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن جاسارەتنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ ياخشى كەيپىيات يارىتىشىمىز كېرەك.

  3. تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، دېگەن قاراشنى باشتىن – ئاخىر مەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك

  10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات مۇھىم نۇقتىسىغا زىچ ماسلىشىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدىكى ئېشىش پەللىسى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىش كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، تېگىشلىك تۆھپە قوشتى. تەرەققىيات چىڭ قائىدە، بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. بىز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلارنى ئەستايىدىل كېڭىشىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، چارە كۆرسىتىپ، ئامال تېپىپ، ئاجايىب گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچ – قۇۋۋەت قوشۇشىمىز كېرەك.

  4. سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى باشتىن – ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇملۇقىغا قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك

  بەش يىلدىن بۇيان، بىز ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، ئەقلىي كۈچى زىچ، ئالاقە دائىرىسى كەڭ، يوللىرى راۋان بولۇشتەك ئۈستۈنلۈك ۋە ئالاھىدىلىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىۋېرساللىققا، ئومۇملۇققا، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە بولۇش تەلىپى بويىچە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئەھمىيەت بېرىۋاتقان، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، سىياسىي كېڭەش قىلىشقا شارائىتى بار تېمىلارنى تاللاپ، كۆپ قاتلام، كۆپ يوللاردىن مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش جەريانىدا پائال رول ئوينىدۇق. مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىش سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە زىچ ماسلىشىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەۋرەنمەي، بىپەرۋالىق قىلماي، ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  5. باشتىن – ئاخىر ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشنى چىقىش نۇقتىسى ۋە مەۋقە قىلىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

  10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ‹‹خەلق تۇرمۇشى ئەلا، ئامما بىرىنچى، ئاساسىي قاتلام مۇھىم›› دېگەن ئەقىدىنى چىڭ تۇرغۇزۇپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا سەمىمىي قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇ – ئىستىكىنى ھەقىقىي ئىنكاس قىلىپ، ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، چىگىش تۈگۈنلەرنى يېشىش، كەيپىياتنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرمىللەت ئامما جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەڭ بىۋاسىتە، ئەمەلىي خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشىغا پائال ھەمكارلىشىشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سىياسىي كېڭىشى. بىز باشتىن – ئاخىر ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى قاراشنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە ئاممىنى ھۆرمەت قىلىپ، ھېسسىياتتا ئاممىغا يېقىنلىشىپ، خىزمەتتە ئاممىغا تايىنىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۆپرەك ئويلاپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى تۈگۈنلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  6. مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك

  مۇقىملىقنى قىلچە تەۋرەنمەي قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇلارغا قويۇلغان سىياسىي تەلەپ ۋە سىياسىي ئىنتىزام. 10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش باشتىن – ئاخىر بايرىقى روشەن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، سىياسىي جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەھلىل – ھۆكۈمىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، خىزمەتتە پارتكوم، ھۆكۈمەتكە پائال ماسلىشىپ سىياسەت تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى يېتەكلەش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكلىپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى مۇقىملىقنى قوغداشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئىشەنچلىك كۈچكە ئايلاندۇردى. مۇقىملىق شىنجاڭنىڭ ئومۇملۇقى. بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، كەسكىنلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەندىشىلەرنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، دائىم ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىرنى تۈزۈپ، ئىدىيەدە تەۋرەنمەي، خىزمەتتە بوشاشماي، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى ئاكتىپ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم.

  7. تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشتىن – ئاخىر زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، فۇنكسىيە ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك

  10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ‹‹ئۈچلەشتۈرۈش›› قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى تۇتقا قىلىپ، خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت تەرتىپىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەل، قېلىپى تېخىمۇ ئېنىق، تەرتىپى تېخىمۇ قاتتىق بولغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. تۈزۈم قۇرۇلۇشى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملىك يول. شۇڭا، خىزمەت تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتنى يەكۈنلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە باشتىن – ئاخىر دەۋر خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ئىجادكارلىقنى بېيىتىشىمىز كېرەك.

  8. خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۈستۈنلۈكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك

  10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا سىياسىي كېڭىشىشنىڭ كونكرېت پىكرىنى تۈزۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى سىياسىي كېڭەش ئومۇمىي يىغىنىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى بىلەن گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرۇش، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش تۈزۈمى ئورنىتىش، پارتكوم، ھۆكۈمەت نامىدىن مۇنەۋۋەر تەكلىپلەرنى تەقدىرلەش، تەكلىپ بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىش ئەھۋالىنى باھالاش، مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش، قانۇن – نىزام تۇرغۇزۇش بويىچە كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇش، ساھە ئەزالىرى گۇرۇپپىسى قۇرۇش ۋە تېما تەتقىقات مېخانىزمى ئورنىتىش، ئەزالارنى يوقلاش ۋە باھالاشنى قانات يايدۇرۇش، تارىخ ماتېرىياللىرى يۇرتى، رەسىم دەھلىزى ۋە ئەزالار پائالىيەت مەركىزى قۇرۇش، سىستېمىلار بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە – شەھەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشنىڭ ھەممىسى يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى بولۇپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. يېڭىلىق يارىتىش خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى ھاياتىي كۈچ. شۇڭا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دەۋر روھىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باشتىن – ئاخىر غەيرەت – جاسارەتنى ساقلاپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلىپ، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى قۇرۇش داۋامىدا سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  9. ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەشنى يېتەكلەشكە باشتىن – ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك

  10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەشنىڭ چارە – ئۇسۇللىرىنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتكە ۋاقتىدا تەكلىپ بېرىش، خىزمەتلەردە ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇپ، فۇنكسىيە ئادا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. ئاساسىي قاتلام نېگىز، ئاساسىي قاتلام ھاياتىي كۈچ. شۇڭا بىز ئاساسىي قاتلامغا باشتىن – ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، خىزمەتلەرگە ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە ئەمەلىي تەجرىبە ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە ئومۇمىيۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈدىغان، يۇقىرى – تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، تەرتىپلىك، ماسلاشقان، مۇقىم راۋاجلىنىدىغان ياخشى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

  10. باشتىن – ئاخىر ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم

  10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش باشتىن – ئاخىر دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ساھەلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش چارە – ئۇسۇللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشى ئۈچۈن تىرىشىپ شارائىت يارىتىپ بېرىپ، مەخسۇس كومىتېتلار ئىشتاتىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، تەكلىپلىك ئەزا ۋە تارىخ ماتېرىياللىرى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسى تاللاش، تەتقىق قىلىپ دەلىللەش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورگاننىڭ ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ، يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ئۆز قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىش سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۈستۈنلۈكىنى نامايان قىلىشنىڭ ئاساسى. شۇڭا، يېڭى باسقۇچتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، داۋاملىق ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش››نىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان شەرەپلىك بۇرچنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر توغرىسىدا تەكلىپ

  ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋاكالەت مۇددىتىدىكى بەش يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم مەزگىلى، شۇنداقلا شىنجاڭدا ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىكى ھالقىلىق باسقۇچ. شەرەپلىك ۋەزىپىنى زىممىگە ئالغاندا، گۈزەل ئىستىقبال ئادەمنى تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئۈندەيدۇ. يېڭى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى تەجرىبە ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى تېخىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  1 . پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18 – قۇرۇلتىيى ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا ئاتلانغان ھەل قىلغۇچ باسقۇچتا ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 18 – قۇرۇلتاينىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. شۇڭا بىز مەركەزنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى 18 – قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، 18 – قۇرۇلتاي روھىنى فۇنكىسىيە ئادا قىلىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. 18 – قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەن بەش يىل ۋە ئون يىلدا پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز قولغا كەلتۈرگەن يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە يېتەكچىلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نىشانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتتىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەرمىللەت، ھەرساھەنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى 18 – قۇرۇلتاي روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچ – قۇۋۋەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، نەزەرىيەنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە، سىياسىي كېڭەش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، 18 – قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىشنى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشىمىز كېرەك.

  2. فۇنكسىيە ئادا قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

  خەلق سىياسىي كېڭىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىدىغان ۋە سىياسىي كېڭىشىدىغان مۇھىم ئاپپارات، ئېلىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرىدىغان مۇھىم شەكىل. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزاسىنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. شۇڭا، پارتىيەگە، دۆلەتكە، تارىخقا، خەلققە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەمىز ۋە روھىمىز ئارقىلىق ئومۇملۇق ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئورنىنى چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭ خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدىكى زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە مۇقەددەس بۇرچ تۇيغۇمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز لازىم. ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ تۆھپە يارىتىشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىككە ئورتاق كۈچەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىز ۋە شەرەپ تۇيغۇمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. شىنجاڭ نۆۋەتتە تەستە قولغا كەلتۈرگەن پۇرسەت ۋە چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، خوجايىنلىق ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، ياخشى خىزمەت ئىستىلىنى ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچمىزنى ئاشۇرۇپ، جۇشقۇن ھالدا يۇقىرىغا ئىنتىلىدىغان روھىي ھالىتىمىز ۋە جان پىدالىق بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان خىزمەت ئىقتىدارىمىزنى ساقلاپ، بارلىق زېھنىمىزنى خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل ماھارىتىمىزنى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا بېغىشلاپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

  3. ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىش سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى. ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشكە تۈرتكە بولۇشنى فۇنكسىيەمىزنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8 – نۆۋەتلىك 4 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا دائىر مۇھىم مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ‹‹ئۈچلەشتۈرۈش›› مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش – ياخشىلاش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئەقىل – چارە كۆرسىتىپ، ئەمەلىيەتتە ئاقىدىغان ياخشى تەدبىر تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا، ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەملىشىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مېۋىلىرىدىن ھەرمىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىق ئېچىشنىڭ سىجىللىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سىجىللىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەملىشىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، مىللەتلەر، تەبىقىلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، زور بىرلىكى، كەڭ كۆلەمدە قوشۇلۇشى، زور ئىناقلىقىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئەقىدىسىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي تەۋرەنمەي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە دۆلەتنىڭ ئامانلىقىنى قوغداپ، ھەرمىللەت، ھەرساھە ئاممىسىنى زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشقا، قانۇن – تۈزۈمنى تەكىتلەش، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشكە يېتەكلەپ، جەمئىيەت باشقۇرۇشنى يېڭىلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە تەرەققىياتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دېموكراتىك، ئىتتىپاق، جانلىق، تىنچ – تەرتىپلىك ياخشى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  4. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىغا كۈچەش كېرەك

  يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى سىياسىي كېڭەش زىممىسىگە ئالغان تارىخىي بۇرچنى تاماملاشتا ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بۇلۇش كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈشتە، سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي كېڭىشىش قائىدە – نىزاملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، سىستېمىلار بويىچە كېڭىشىش تۈزۈمى شەكىللەندۈرۈپ، قانۇن – نىزام تۇرغۇزۇشنى كېڭىشىش نەتىجىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تەكلىپنى كېڭىشىش مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسىدىكى مۇھىم يوللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ساھە ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ساھە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش چارە – ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كۈچەپ، ساھەلەرنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك گەۋدىلەندۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ تەرتىپلىك ھالدا سىياسىيغا ئىشتىراك قىلىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەزالارنى ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلەشكە تەشكىللەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەزالارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەزالارنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئەزالارنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىنى قوغداپ، بارلىق ئەزالارنى ئۆز خىزمىتىدىكى باشلامچىلىق رولىنى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى سۇبيېكتلىق رولىنى، ساھە ئاممىسى ئارىسىدىكى ۋەكىللىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك. مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چارە كۆرسىتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، خىزمەت قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، مەخسۇس كومىتېتلار خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا، چوڭقۇر، جانلىق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئورگان قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، ئومۇملۇق ئېڭى، مۇلازىمەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۈنۈملىك ئادا قىلىشى، خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك. ئەزالار، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بەردى. شىنجاڭ يېڭى تارىخىي پەللىدىن قوزغىلىپ، تېخىمۇ شانلىق مۇساپىگە ئاتلاندى. كېلەچەككە يۈزلەنگەن سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ ئىستىقبالى زور ۋە پارلاق، سىياسىي كېڭەش زىممىسىگە ئالغان مەسئۇلىيەت مۈشكۈل ۋە شەرەپلىك. بىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۆپنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، گۈللەنگەن، باياشات، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە