باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى (3)

2013.02.07 14:26        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش، باش تېما مۇنبىرى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق فۇنكسىيە ئادا قىلىش شەكلى بېيىدى. ھەر يىلى بىرقانچە تېمىنى تاللاپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىلەن چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتكوم، ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن كېڭىشىپ، تەكلىپ بېرىپ، ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ زامانىۋى چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، چېگرا ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش، شىنجاڭنىڭ چېگرا ئېغىزىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش، تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش، ياشانغانلار كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، تۆۋەن كاربونلۇق شىنجاڭ بەرپا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدىكى كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، باش تېما مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈردۇق. بىز يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە قانۇن – نىزام تۇرغۇزۇش بويىچە كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئالاقىدار قانۇن – نىزام لايىھەسىنى كېڭىشىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق.

  2. جەمئىيەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چارە – تەدبىر كۆرسەتتۇق

  10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاڭلىق ھالدا ياردەم بېرىش – يۆلەشكە كۈچ چىقىرىپ، جەمئىيەتكە پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇردى.

  جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلدۇق. ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قاراپ، ئاممىنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلدۇق. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ساھەسىنى كۆپەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى تەييارلىدۇق. ئەزالارنى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي كاپالەت، شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ كىرىمى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، ھەرساھەنىڭ ئارزۇسىنى سىياسىي كېڭەش ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈردۇق. ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئاپتونوم رايون ئەھمىيەت بېرىپ قوبۇل قىلدى.

  خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلدۇق. خەلقنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئەزالارنى كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا پىكىر بەردۇق، پىكىر – تەكلىپلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەتقىق قىلىپ تۈزگەن ‹‹ئىككىنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش›› قۇرۇلۇشى تەدبىرىدە قوبۇل قىلىندى. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېمەك – ئىچمەك كەسپى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش تېمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن تەتقىق قىلغان ‹‹شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېمەك – ئىچمەك كەسپى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى سىياسەت›› ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېمەك – ئىچمەك كەسپى تەرەققىيات پىلانىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. بىز يەنە تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، سۈپەت تېخنىكىسىنى تەكشۈرۈش، شەھەر رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى، لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ 2 – قوش لىنىيەلىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكلىپ بېرىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا پائال ھەمكارلاشتۇق.

  قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلدۇق. ئەزالارنى يەرلىكنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق مەيدانلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە ۋەتەنگە قايتقان نامرات مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئەرزان ئىجارىلىك، قولاي تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، يېزىلاردىكى يەر ئوبوروتى ۋە شەھەر – بازارلارنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدا ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ راۋان مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلدۇق. مائارىپ، داۋالاش، تەنتەربىيە قاتارلىقلارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا كىتاب، دورا، كومپيۇتېر ۋە تەنتەربىيە – چېنىقىش ئەسلىھەلىرى ئىئانە قىلدۇق، مۇتەخەسسىسلەر ئاممىنىڭ كېسىلىنى خالىسانە دىياگنوز قويۇپ داۋالىدى ۋە ئاممىغا خالىسانە لېكسىيە سۆزلىدى، ئەزالار نامرات مەكتەپلەر ۋە مېيىپ بالىلارغا پۇل ئىئانە قىلدى، ئالاقىدار خەير – ساخاۋەت فوندلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، نامرات بالىلارنىڭ ئېغىر كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش تۈرىنى يولغا قويۇشنى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىر – ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتۇق.

  جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلدۇق. مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن – ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر يىلى ئوخشاشمىغان تەرەپلەردىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى تۇتۇپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سىجىل كۆڭۈل بۆلدۇق. ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتى، كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى، چېگرا ناھىيە – شەھەرلەردىكى ئاساس مائارىپ تەرەققىياتى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە بىرقاتار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، قاراتمىلىقى بار تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. يېزا – قىشلاقلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەر مەھەللىلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى قانات يايدۇرۇشنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، داۋالاش ماجىرالىرىنى مۇرەسسەلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ئاساسىي قاتلام دوختۇرلىرىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا – بازار شىپاخانىلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىكى داۋالاش – قۇتقۇزۇش ياردىمى بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە تەكلىپ – پىكىر بەردۇق.

  3 . ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىكتە ئىناقلىق بەرپا قىلىپ، ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەسسە قوشتۇق

  ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي كېڭەشنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. 10 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش بۇرچنى باشتىن – ئاخىر ئەستە ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئىتتىپاقلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىش، ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.

  كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ كۈچلەرنى مۇجەسسەملىدۇق. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقە دائىرىسى كەڭ، يوللىرى راۋان بولۇشتەك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ۋەتەننى – شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىش – تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش – ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئېچىۋېتىش – ئىلگىرىلەش››تىن ئىبارەت شىنجاڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتكە پائال ماسلىشىپ ‹‹ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇش›› باش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ‹‹تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا چوقۇم ئۆزگەرتەلەيمىز›› دەيدىغان ئەقىدە ۋە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرگە ئورتاق ئىدىيەۋى، سىياسىي ئاساس سالدۇق. ئەزالارنى نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ‹‹دىن ئىشلىرى نىزامى››، ئەتراپتىكى ئەللەردىكى مۇھاجىرلار ۋە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق مىللەت، دىن، مۇھاجىرلار خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، جامائەت دىپلوماتىيەسى پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تاشقى ئالاقە ۋە تەشۋىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قەرەللىك ھالدا بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنى، چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى، بىر نىيەتتە بولۇشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، مىللەتلەر، تەبىقىلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، بۈيۈك بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە چاتما پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش – سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى نامايان قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، كەڭ ۋە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدۇق.

  ئۈستۈنلۈكنى جارى قىلدۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغدىدۇق. باشتىن – ئاخىر مۇقىملىقنى قوغداشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەركەزنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىيىتىنى تەھلىل قىلىپ چىقارغان ھۆكۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش قارىشىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي تەۋرەنمەي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىدۇق. سىياسىي كېڭەش ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن – تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش بويىچە تەشۋىقات – تەربىيە پائالىيەتلىرىنى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىغا پائال ماسلاشتۇق. ئەزالارنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىش، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش، ئەتراپتىكى ئەللەر ۋەزىيىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشى، يېزا – كەنت ۋە شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق مەھەللىلەرنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى، زەھەر چەكلەش خىزمىتى قاتارلىق تېمىلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئاپتونوم رايون يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ قوبۇل قىلدى. ئۈرۈمچى ‹‹5 – ئىيۇل›› ئېغىر ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، مەخسۇس دائىمىي كومىتېت كېڭەيتىلگەن يىغىنى چاقىرىپ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداش توغرىسىدا قارار›› چىقىرىپ، مۇقىملىقنى قوغداش چاقىرىقى ئېلان قىلىپ، زور مىقداردىكى تەشۋىقات – تەربىيە ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇردى. ھەر مىللەت، ھەرساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۈلگىلىك، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىقنى جان پىدالىق بىلەن قوغدىدى، بولۇپمۇ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ‹‹تەفسىر››، ‹‹تەبلىغ›› ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ياخشى تەسىر قوزغىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باشتىن – ئاخىر يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈكى ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى جىددىي سىياسىي كۈرەشتە مەيدانى تېخىمۇ مۇستەھكەم، بايرىقى تېخىمۇ روشەن، پوزىتسىيەسى تېخىمۇ قەتئىي بولدى.

  4. يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە