مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

−− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2020.01.20 15:42 مەنبە: خەلق تورى

  نازارەت قىلىش − ئىدارە قىلىشنىڭ ئىچكى ئامىلى بولۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

  19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يولى، ئۈنۈملۈك تۈزۈمىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە بولغان چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلەپ، تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسى − پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مىسلىسىز جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ئۆز مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان، تارىخىي دەۋرىيلىكتىن ھالقىيدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك يول ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك ھوقۇق نازارەتچىلىكى تۈزۈمى ۋە ئىنتىزام-قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. بۇ يول، بۇ تۈزۈم − يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور ئەمەلىي نەتىجە، سىياسىي نەتىجە، نەزەرىيە نەتىجىسى، تۈزۈم نەتىجىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى، شۇڭا ئۇنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش، ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش شەرت.

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە بولغان چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش»كە قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈم سىستېمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ