مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خاۋجياڭ دەرياسىدىكى نېلۇپەرلەرنى تېخىمۇ رەڭدار پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرايلى

− ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

2019.12.17 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  «كىچىككىنە بىر تال نېلۇپەر بۈيۈك قۇياشقا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ، قايغۇ-خۇشاللىق، بەخت-ئامەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ؛ بىر ئائىلىدە تۇرۇپ بىر-بىرىنى يېتىلەپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، بىر-بىرىنى قوغلىشىپ بىر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدۇ... » ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگىنىگە 20 يىل بولغان پەيتتە، ئاۋمېندىكى 500 نەپەر ھەر ساھە ۋەكىلى ئىشلىگەن «نېلۇپەر بىر ئائىلە كىشىلىرى بولدى» ناملىق ئاساسىي ناخشىنى ئېيتىپ، بۇ شەھەرنى قەدىرلەش ۋە قىزغىن سۆيۈش، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان ئىپتىخارى ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى بايان قىلدى.

  ناخشا ئاۋازى ۋاقىتنى كېسىپ ئۆتتى. 20 يىل ئىلگىرى «ئەركىلەتمە ئىسمىم بىلەن مېنى ‹ئاۋمېن› دەپ چاقىرىڭ»، دېگەن ناخشىنى ئاڭلىغان نۇرغۇن كىشى ياش تۆككەنىدى. 1999- يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت نۆلدە، ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى» ساداسى ئىچىدە، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ رايون بايرىقى ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلدى، ئايرىلغىنىغا ئۇزاق بولغان ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلدى، بۇ، شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ مۇساپىسىدىكى يەنە بىر تارىخىي ئابىدە. يېڭى مىڭ يىللىق تاڭ نۇرىغا ئەگىشىپ ئاۋمېن يېپيېڭى بىر دەۋرنى كۈتۈۋالدى.

  ئاسماندىن قارىغاندا، ئاۋمېن يېرىم ئارىلى خۇددى بىر تال نېلۇپەر گۈلىگە ئوخشاش كۆپكۆك دولقۇن ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتىدۇ. 20 يىلدىن بۇيان خاۋجياڭ دەرياسى رەڭدار تۈسكە كىردى، نېلۇپەر پورەكلەپ ئېچىلدى، ئاۋمېن ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلدى، ئىجادىيەت داۋامىدا تەرەققىي قىلدى. 1999-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادى تېز ئاشتى، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، جەمئىيەت مۇقىم، ئىناق بولدى، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» بۇ يەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلدى، «گۈللىنىۋاتقان نېلۇپەر» دۇنياغا پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.

  «ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 20 يىلدىن بۇيان، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلاندى، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى». رەئىس شى جىنپىڭ ئاۋمېننىڭ «ئاۋمېنغا خاس ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش›نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى دۇنياغا نامايان قىلغانلىقى»غا يۈكسەك باھا بەردى. نەچچە يۈز يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر، يىگىرمە يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئاۋمېننىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدىدىكى − «‹ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش› پۈتۈنلەي ئاقىدىغان، قىلغىلى بولىدىغان، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ئىش».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ