مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھېچكىمنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» پىرىنسىپى تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلىشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ

2019.11.18 16:45 مەنبە: خەلق تورى

  «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش − جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندا، نۆۋەتتىكى شياڭگاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، رادىكال زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» پىرىنسىپىنىڭ تۆۋەن چېكىگە ئېغىر خىرىس قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» پىرىنسىپىنىڭ تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلىدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا ھەرگىز يول قويمايمىز، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» پىرىنسىپىنىڭ تۆۋەن چېكىگە ئاشكارا خىرىس قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قەتئىي قانۇن بويىچە جازالىشىمىز كېرەك.

  بەش ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۆكتىچىلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشى، قۇترىتىشى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ قول تىقىپ ئارىلىشىشى ئارقىسىدا، شياڭگاڭدا ئۈزلۈكسىز تۈردە كوچا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەردى. بەزىلەر ھەتتا «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى»نى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، «شياڭگاڭنى قايتا گۈللەندۈرۈش، دەۋر ئىنقىلابى قىلىش» شوئارىنى توۋلاپ، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى ۋە رايون گېربىنى خالىغانچە ھاقارەتلەپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى ۋە قانۇن كېڭىشى، ھۆكۈمەت باش ئىشتابىنى قورشىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت شياڭگاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنى پالەچ قىلىپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شياڭگاڭنى مۇستەقىل ياكى يېرىم مۇستەقىل سىياسىي گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاخىرىدا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نى نامدا بار، ئەمەلدە يوق قىلىۋېتىش ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئالدىمىزدا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نى قوغداش ۋە «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»قا بۇزغۇنچىلىق قىلىش كۈرىشى تۇرۇپتۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، شياڭگاڭنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ مەسىلىدە ھېچقانداق ئارىلىق بەلباغ، قىلچە مۇرەسسەچىلىك يوق.

  «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» بىر تۈرلۈك ئىجادىي ئىش بولۇپ، مەركەز ئۈچۈن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى زور تېما، شياڭگاڭ ۋە شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار ئۈچۈن زور تارىخىي بۇرۇلۇش. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» تارىختىن قېپقالغان شياڭگاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى لايىھەسى، شۇنداقلا شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن ئۇزاق مۇددەت گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تۈزۈم، ئاقىدىغان، بېجىرگىلى بولىدىغان، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان تۈزۈم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» بىر تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش سۈپىتىدە، باشقا ھەرقانداق يېڭى شەيئىلەرگە ئوخشاش ئەمەلىيەت داۋامىدا سىناقتىن ئۆتكۈزۈشكە ھەمدە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ قېتىمقى نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋەقەسى شياڭگاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان بەزى چوڭقۇر زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىدى، شۇنداقلا شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاشكارىلىدى. «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» تۈزۈمى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش سىياسىي تۈزۈم تەرەققىياتىنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» كېمىسىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم يۈرۈشىگىمۇ پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ