مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قەلبداش بولۇپ يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتايلى

___ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرىنى بېيدەيخېغا دەم ئېلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقى توغرىسىدا

2019.08.08 16:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلىدى، يازنىڭ ئەڭ ئىسسىق كۈنلىرىدىكى بېيدەيخې تومۇز ئىسسىق بىلەن خوشلىشىپ، بارغانسېرى سالقىن ۋە يېقىملىق بولۇپ كەتتى. بۇ يەردە يەنە بىر تۈركۈم ئالاھىدە مېھمانلار كۈتۈۋېلىندى: 2- ئاۋغۇستتىن 7-ئاۋغۇستقىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردىن كەلگەن 58 مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلار ۋەكىلى بېيدەيخېغا كېلىپ، يازلىق دەم ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى دەم ئېلىشقا قاتناشقان مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى ماتېرىيال ئىلمى، كۋانت ئوپتىكىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى، ئىرسىيەت، نېفىتلىك، گازلىقنى ئېچىش قاتارلىق كۆپ ساھەدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە مەملىكەت بويىچە ئىلغار خىزمەتچىلەر، مەملىكەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قاتارلىقلار بار، ئۇلار ۋەتەننىڭ ئىلىم-پەندە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بولۇپ، ئۇلار يېڭى دەۋرنىڭ گۇۋاھچىلىرى، تېخىمۇ مۇھىمى قۇرغۇچىلىرىدۇر.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامىدا ھەرقايسى سەپلەردىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرىنى بېيدەيخېغا دەم ئېلىشقا تەكلىپ قىلىش − مەركەزنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  يىراققا نەزەر سېلىپ، كۈرەش ئىپتىخارىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئالتە كۈنلۈك دەم ئېلىش ئارقىلىق مۇتەخەسسىسلەر كۈچكە تولدى، كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچىمىزنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، كۈرەشچان نەمۇنىلىك باشلامچىلار ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جاسارەت بىلەن يول ئاچقۇچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك». يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدىن ئىبارەت يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەر مەسئۇلىيەت، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، بەس-بەستە قول تۇتۇشۇپ قەلبداش بولۇپ، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ