مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلىشقا بولمايدۇ

2019.08.07 15:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قانۇن كېڭىشى بىناسىغا ھۇجۇم قىلىنىپ، قانۇن كېڭىشىنىڭ ئەسلىھەلىرى خالىغانچە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ رايون بەلگىسى بۇلغىنىپ، نېگىزلىك قانۇن يىرتىپ تاشلاندى ۋە كۆيدۈرۈۋېتىلدى؛ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ بىناسى قورشىۋېلىنىپ، دۆلەت گېربى بۇلغاندى، دۆلەت ۋە مىللەتكە ھاقارەت قىلىدىغان سۆز- ئىبارىلەر يېزىلدى؛ مەلۇم ئىمارەتنىڭ ئالدىغا ئېسىلغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى چۈشۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلىۋېتىلدى... يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، بەزى رادىكال ئۇنسۇرلار «نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرۇش» نامى بىلەن شياڭگاڭدا بىر قاتار چېكىدىن ئاشقان ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئومۇمىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» پىرىنسىپىنىڭ تۆۋەن چېكىگە چېقىلدى، خاراكتېرى ئىنتايىن ئېغىر، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولدى.

  «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تارىختىن قېپقالغان شياڭگاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى لايىھەسى، شۇنداقلا شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى. شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيان، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شياڭگاڭ گۈللىنىش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئەركىن ئىقتىسادىي گەۋدە دەپ ئېتىراپ قىلىندى، سودا مۇھىتى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، شياڭگاڭ ئاھالىلىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئاز ئۇچرايدىغان كەڭ ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولدى، شياڭگاڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش كۆرسەتكۈچى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» ئاقىدىغان، بېجىرگىلى بولىدىغان، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ئىش. «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولۇپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شياڭگاڭنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى ۋە كەلگۈسى مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ