مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدا پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، لى كېچياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2019.07.31 16:57 مەنبە: خەلق تورى

  ◆ نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، لېكىن ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارا مۇھىت ۋە ئىچكى شارائىتتا چوڭقۇر ھەم مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. بىز ئىرادىمىزنى ساقلاپ، پۇت تىرەپ تۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش داۋامىدا ئەمەلىي كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا يوشۇرۇن ئىقتىدارىمىزنى قېزىپ، پائال ئىلگىرىلەش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتالىساقلا، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد كېمىسى چوقۇم دولقۇن يېرىپ، مۇقىم ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.

  ◆ بىز ھەم جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىشىمىز، ھەم يولنىڭ ئەگرى-توقاي، قىيىنچىلىقلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، خەۋپ-خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇش، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 7- ئاينىڭ 29-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئىچكى-تاشقى ئىككى ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەم ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى كۆرۈشىمىز، ھەم ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش يۈزلىنىشىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى كۆرۈشىمىز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى تونۇشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ