مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىسادىي خىزمەت تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى» ۋە «19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات»ى قاراپ چىقىلدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2019.07.31 16:47 مەنبە: خەلق تورى

  ■ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەت مۇقىم بولۇش، مىكرو سىياسەت جانلىق بولۇش، ئىجتىمائىي سىياسەت ئاساس بولۇش ئومۇمىي تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى-تاشقى ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ■ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قاتتىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىقنى چوقۇم قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈزۈمنىڭ مەزمۇتلۇقىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگانلىرى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، تۈزۈملىشىش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ■كۆزىتىش، تۈزىتىش ۋە نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزىتىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش بىلەن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى بىرلەشتۈرۈش، كۈندىلىك نازارەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 30-ئىيۇل يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى» ۋە «19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات»ىغا قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىلقى ئىچكى-تاشقى خەۋپ-خەتەر، خىرىس كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ماكرولۇق سىياسەتنى تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشنى مۇۋاپىق پەيتتە مۇۋاپىق يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى داۋاملاشتى، ئاساسلىق ماكرو ئىگىلىك كۆرسەتكۈچى مۇۋاپىق دائىرە ئىچىدە بولدى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىرقەدەر تولۇق بولدى، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتى داۋاملىق ئۆستى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئاكتىپ ئامىللار كۆپەيدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ