مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گو مىڭيى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئەترىتى

يېڭى دەۋردىكى لېي فېڭ ھېكايىسىنى داۋاملىق يېزىش (تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش ___ باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن)

مۇخبىرىمىز شىن بېنجيەن، جۇ شياۋيۈەن، خۇ جىڭيى

2019.08.05 16:47 مەنبە: خەلق تورى

  ئېلىمىز ئىشچىلار سىنىپى پۈتكۈل جەمئىيەتتە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش، يېڭى ئىستىل تىكلەش ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسىتىپ، لېي فېڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ۋەتەن زېمىنىدا ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. سىلەرنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەپ، ياخشى ئىشقا يۈزلىنىپ، «باشقىلارغا ئەتىرگۈل تەقدىم قىلسا، قولىدا خۇش پۇرىقى قالۇر» دېگەن تەمسىلدىن ياخشىلىقنىڭ كۈچىنى ھېس قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى لېي فېڭ ھېكايىسىنى يېزىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ___ شى جىنپىڭ

  «باش شۇجى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئەترىتىگە جاۋاب خەت يېزىپتۇ!

  جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنى ئەتىگەندە، مەن ئادەتتىكىگە ئوخشاش كان قېزىش مەيدانىدا تاش ئېزىپ، يولغا ياتقۇزۇۋاتقان ئىدىم. مەن خەتنى ئاۋايلاپ ئېچىپ، تاڭ نۇرىدا بارلىق مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىغا ئوقۇپ بەردىم، كۆپچىلىك ھاياجانلانغان ھالدا بىر-بىرىنى قۇچاقلاشتى ۋە چاۋاك چېلىشتى، ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.

  2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنىنى ئەسلىگەندە، گو مىڭيى يەنىلا قاتتىق ھاياجانلىناتتى. «2014-يىلى 2-ئاينىڭ بېشىدا، بىزنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئەترىتىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش جەريانىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن لېي فېڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەش، جەمئىيەتكە ئاكتىپ كۈچ، ياخشى ئاۋاز يەتكۈزۈش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتۇق. شۇڭا، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭغا بىر پارچە خەت يېزىپ، خەتنى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەۋەتتۇق، باش شۇجىنىڭ ناھايىتى تېزلا جاۋاب خەت يېزىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدۇق.»

  «ھەر بىر قىيىنچىلىقتا ياردەم سوراشنىڭ ئۆزى بىر ئىشەنچ»، دېدى گو مىڭيى، «باش شۇجىنىڭ بىزگە جاۋاپ خەت يېزىشى ئۇنىڭ بىزنى رىغبەتلەندۈرگىنى ھەمدە ھەيدەكچىلىك قىلىشىدۇر. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، لېي فېڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ۋەتەن زېمىنىدا ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ئىبارەت.»

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ