دېھقانچىلىق تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرى (ئوڭدىن ئىككىنچى) دۇلۇڭزۇ ئاممىسىغا قېلىپلاشقان ھەسەل ھەرىسى بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە.
ۋاڭ جىڭشېڭ فوتوسى
ھەر مىللەت ئاممىسىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش مېنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزۇيۇم شۇنداقلا بىزنىڭ ئورتاق كۈرەش نىشانىمىز. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۇلۇڭ مىللىتى ئوت-چۆپلەرنى كۆيدۈرۈپ، يەرنى چاناپ تېرىشتەك ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق بىلەن خوشلاشتى. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، دۇلۇڭ مىللىتى ئۇزاقتىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن نامراتلىق ھالىتىدىن قۇتۇلدى. بۇ، شۇنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى بولغاندىلا، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئارزۇسىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
___ شى جىنپىڭ
غەربتە يۈننەندىكى گۇڭشەن دۇلۇڭزۇ-نۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرى، سىكەي بازىرىدىن يولغا چىقىپ، ئەگرى- بۈگرى تاغ يولىنى بويلاپ ئىلگىرىلىسە، تاغ تىزمىلىرى بارغانسېرى تىكلىشىپ، ئورمانلار بارغانسېرى زىچلىشىپ، يوللار بارغانسېرى تارىيىپ بارىدۇ. تاغلار ئەگرى-بۈگرى بولۇپ، باش قېيىپ كۆز قاراڭغۇلاشقاندا، تاغ قاپتىلىدا تۇيۇقسىز بىر ئۆڭكۈر پەيدا بولىدۇ، مانا بۇ گاۋلىگۇڭ تېغى دۇلۇڭجياڭ دەرياسى تاشيول تونىلى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىر ئېگىز، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6.68 كىلومېتىر كېلىدۇ.
2014-يىلى يېڭى يىل ھارپىسىدا، شۇ جايدىكى ئامما كۆپ يىل كۈتكەن گاۋلىگۇڭ تېغى دۇلۇڭجياڭ دەرياسى تاشيول تونېلى ئاخىرى پۈتتى، گۇڭشەن ناھىيەسىنىڭ پېشقەدەم ھاكىمى گاۋ دېرۇڭ ۋە باشقا دۇلۇڭ مىللىتىدىن بولغان تۆت كادىر ۋە ئامما خۇشاللىقىنى باسالماي، باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. باش شۇجى ناھايىتى تېزلا جاۋاب خەت يازدى، دۇلۇڭ مىللىتى ئاممىسى شادلىققا چۆمدى.
2019-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، يەنە خۇش خەۋەر يېتىپ كەلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدىكى ئاممىغا يەنە بىر قېتىم جاۋاب خەت يېزىپ، دۇلۇڭ مىللىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى، يۇرتداشلارنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
«بەش يىل ئارىلىقىدا ئىككى قېتىم جاۋاب خەت يېزىشى باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، بىزگە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ چەكسىز ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى!» دېدى گاۋ دېرۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا.
«بىزگە ناتونۇش ئەمەس، چۈنكى خەت-چەك ئالاقىمىز بار». 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە، يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ گاۋ دېرۇڭ، ما جېڭشەن قاتارلىق خەت يازغان بەش كادىر، ئامما ۋە دۇلۇڭ مىللىتىدىن بولغان ئىككى ئايال بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. باش شۇجى مۇنداق دېدى: «مېنىڭ كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىشىم سىلەرنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قاراپ ئورتاق ئاتلىنىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىشتۇر.»
مەنبە: خەلق تورى