باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

بىزنىڭ يېڭى دەۋرىمىز تارىخنىڭ يېڭى شان–شەرىپى

ـــ يېڭى يىللىق بېغىشلىما

2018.01.03 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قۇياش سېخىي نۇرىنى چېچىپ، زېمىننى يەنە بىر قېتىم ئويغاتقان پەيتتە، يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋالدۇق. سالام، 2018 – يىل! سالام، يېڭى دەۋرىمىز!

  ۋاقىت ئەڭ ئۇلۇغ يازغۇچى، ئۇ كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئىزىنى ھەرقاچان سادىقلىق بىلەن خاتىرىلەيدۇ. 2017 – يىلىنى ئەسلىسەك، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى بىر ئابىدە تىكلەپ بەردى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى جۇڭگونى ئۆزگەرتىدىغان كۈچ – قۇدرەتنى مۇجەسسەملىدى، بىز يېڭى دەۋردە يېڭى مۇساپە ئاچتۇق. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت، زامانىۋىلاشقان دۆلەت، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى... يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو، جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋرى، رېئاللىقتىن كەلگۈسىگە يۈزلىنىشكىچە ھەربىر كىشى ‹‹بۈيۈك تارىختا تۇرۇۋاتقان››دەك تۇيغۇغا ئىگە قىلىندى.

  2017 – يىلى بىز يەنە تارىخ ياراتتۇق. ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئەھۋال داۋاملىق ياخشى بولدى؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش چوڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەپ، 10 مىليوندىن كۆپرەك كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى؛ شيۇڭئەن يېڭى رايونى پىلانى بېكىتىلىپ، ‹‹تارىخىي قۇرۇلۇش›› يىلتىز تارتقۇزۇلدى؛‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى شيامېندا ئۇچراشتى، جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلدى؛ ‹‹گۈللىنىش›› ناملىق ئوقپويىز قاتنىدى، C919 بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم ئۇچتى، دۆلىتىمىزدە ياسالغان ئاۋىياماتكا سۇغا چۈشۈرۈلدى، فوتوكىۋانتلىق كومپيۇتېر ئىجاد قىلىندى، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كەلگۈسىگە ئېنىقلىما بەردى. تارىخقا يۈزلەنگىنىمىزدە، بۇ بىر يىلدا ئۇتۇق قازاندۇق! دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.

  2017 – يىلى يەنە ئاددىي بولمىغان بەش يىلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدۇق. تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت ۋە تارىخىي ئۆزگىرىش ‹‹جۇڭگو›› ناملىق غايەت زور پاراخوتنى يېڭى سۇ رايونىغا باشلاپ كىردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. بۇ، ئىسلاھاتنى يېڭى قىياپەتكە ئىگە قىلغان دەۋر بولدى، جاسارەت بىلەن ئىشلەش ئىرادىسى سىنالدى؛ بۇ، جەمئىيەتتە يېڭى كەيپىيات ياراتقان دەۋر بولدى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلى يېڭىلاندى؛ بۇ، خەلق يېڭى – يېڭى نەرسىلەرگە ئېرىشكەن دەۋر بولدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا ‹‹بىرمۇ كىشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىغا يول قويۇلمىدى››؛ بۇ، دۇنياغا يېڭى تۆھپە قوشۇلغان دەۋر بولدى، جۇڭگو دۇنياغا ئاكتىپ كۈچ قوشتى. كۈچ – قۇدرەت گۈللىنىشكە قاراپ مۇجەسسەملەنمەكتە، روھ گۈللىنىشكە قاراپ ئۇرغۇماقتا، چوڭ دۆلەت، ھەيۋەتلىك جۇڭخۇادا تاڭ شەپىقى كۆتۈرۈلۈپ، بارلىق مەۋجۇداتلار جانلىنىپ، جۇڭگو زېمىنىدا ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈللىنىش كەيپىياتى نامايان بولدى.

  ئادەم ۋاقىتنىڭ ئۆلچىمى. 2018 – يىلى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى تۇنجى يىل، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بېكىتىپ بەرگەن دەۋر كوردىناتىدا 2018 – يىلى ئەڭ بالدۇر يېتىپ كەلگەن ۋاقىت نۇقتىسى. 1978 – يىلى باشلانغان كۈرەش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بارلىققا كەلتۈردى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى، ‹‹ئىسلاھات››تىن ئىبارەت بۇ سۆزگە ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچنى نامايان قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات جەريانىدا زور كۆلەملىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش 40 يىللىق قاينام – تاشقىنلىق يىلغا بولغان ئەڭ ياخشى ھۆرمەت ھېسابلىنىدۇ.

  تېپىلغۇسىز پۇرسەت يېتىپ كەلدى، يېڭى دەۋر كۆز ئالدىمىزدىلا نامايان بولدى. ۋاقىت ۋە پۇرسەت يەنىلا بىزنىڭ، روھىمىز ۋە كۈچىمىز ئۇرغۇپ تۇرماقتا، بۇنداق تارىخىي كۆرۈنۈش بىزدىن دەۋرنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي قىياپەت بىلەن ئاتلىنىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان كۈرەش ھالىتىمىز ئارقىلىق تارىخىي يېڭى شان – شەرەپنى يارىتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

  كۈرىشىمىز ئارقىلىق بىر خىل روھنى ئەۋج ئالدۇرايلى. ھەرقانداق ئىشتا كۈرەش قىلىش ئارقىلىقلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. 40 يىلدىن بۇيان، بىز يول يوق شارائىتتا بىر يېڭى، ياخشى يولنى تېپىپ چىقىپ، بۆسۈشكە ۋە سىناشقا جۈرئەت قىلىشتەك جاسارىتىمىز، ئۆزىمىزنى يېڭىلاشتەك ئەقىل – پاراسىتىمىز، مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ، دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىقىمىز بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنى دۇنيا بويىچە 2 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندۇردۇق. ئۆتكەن بەش يىلدا بىز ئالدىمىزغا ئۇچرىغان ھەرقانداق مۈشكۈلاتلارغا باش ئەگمەيدىغان باتۇرلۇق، تامچە سۇ تاشنى تەشكەندەك، تانا بىلەن تاختاي تىلغاندەك چىدامچانلىق بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كۈچلۈك دولقۇنىنى قوزغىدۇق. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش 40 يىلغا سىڭدۈرۈلگەن دەۋر خىسلىتى، بىز ‹‹ھەر ۋاقىت كۈچكە تولغان›› ھالەتنى ساقلىشىمىز، ‹‹بۆسۈش يولى ئاچىدىغان›› جاسارەتنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك، كۈرەش روھى، كۈرەش ھالىتىنى ساقلىغاندىلا، 40 يىللىق مەنىۋى قان تومۇرنى داۋاملىق جانلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

  قەتئىيلىك ئىچىدىن يول ئاچايلى. 40 يىل ئىلگىرىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگو يولىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، ئۆتكەنكىگە ۋارىسلىق قىلىپ، كەلگۈسىگە يول ئېچىش نەتىجىسىدە سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى. ئۆتكەن بەش يىلدا بىز يېڭى كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شانلىق مەنزىلگە قەدەممۇقەدەم يېقىنلاشتۇق. يېقىنقى دەۋردىن بۇيان، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى تېخىمۇ ئاشتى. 2018 – يىلى بىز ئىسلاھاتنىڭ ‹‹تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك››ىگە كېسەك قويۇپ، 1500دىن كۆپرەك ئىسلاھات تەدبىرىنى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك. داۋاملىق ئىلگىرىلىسەكلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە ئىشقا ئاشىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى چىڭ ساقلىيالىساقلا، تارىخ ۋە خەلق تاللىغان بۇ يولنى تېخىمۇ يىراقلارغا كېڭەيتىپ راۋانلاشتۇرالايمىز.

  ئېلىشىش روھى ئارقىلىق كەلگۈسىنى يارىتايلى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ـــ تولىمۇ ئۇلۇغۋار مۇساپە، شۇنداقلا ئىنتايىن مۈشكۈل ئىلگىرىلەش. بىز تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئۆرلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز، بۇنداق پەيتتە كاللىمىزنى تېخىمۇ سەگەك تۇتۇپ، تېخىمۇ توغرا ھۆكۈم چىقىرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. چوڭ خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە ئۇنى ھەل قىلىشىمىز، نامراتلارنى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشىمىز، بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە ئۇنى تىزگىنلىشىمىز كېرەك، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئاسان ئەمەس؛ دۆلەتنى پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلارغا تايىنىپ قۇدرەت تاپقۇزۇش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇن ئىستراتېگىيەنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك؛ دۇنيادا ئۇرۇش، نامراتلىق، ئادالەتسىزلىك يەنىلا مەۋجۇت، بۇ يەنە بىزنىڭ جۇڭگو لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيانى جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى بىلەن تەمىنلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. قىيىنچىلىقلارغا يۈزلىنىپ ئىلگىرىلىسەكلا، قىيىنچىلىق قىيىنچىلىق ھېسابلانماي، ئەكسىچە ئۇ ئۇلۇغ ۋە قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يارىتىشنىڭ پۇرسىتىگە ئايلىنىدۇ. بوران – چاپقۇندىن قورقماي، خىرىسقا ئۇدۇل يۈزلەنگىنىمىزدىلا، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ خىلمۇخىل ئۆزگىرىشلىرىنى كۈتۈۋالالايمىز.

  ۋاقىت مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ، كۈرەش قەدىمىمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. 2018 – يىلى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا داۋاملىق مېڭىپ، قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەپ، گۈللىنىش كەيپىياتىنى ئۇرغۇتالىساقلا، ھازىرقى كۈرەش مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىز ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى شان – شەرەپنى يارىتالايمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئارزۇلىرىمىزغا يېتىپ، ئۇلۇغ دەۋرىمىزنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايلى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تېلېگراممىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر