باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«باشقىلار نىمە دەپ ماختىسۇن، پەزىلىتىمىز ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل قىلساقلا كۇپايە»

__ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدىن تۇغۇلغان ئىلھام (10)

2017.11.17 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «شېئىرنىڭ بايانىدۇر ئارزۇ-ئارمان، ئۇنىڭدا كۈيلىنەر ئەبەدىي زامان». جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە، پەقەت شېئىرلا ئوي-پىكىر، ئارزۇ-ئارمانلارنى بايان قىلىدىغان، كۆڭۈل ئىزھار قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

  «باشقىلار نىمە دەپ ماختىسۇن، پەزىلىتىمىز ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل قىلساقلا كۇپايە». باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنىدا، شېئىر ئارقىلىق شۆھرەتپەرەسلىك قىلماسلىق، پاك-دىيانەتلىك بولۇشنى بايان قىلىپ، چوڭ دۆلەت، چوڭ پارتىيەنىڭ ئىشەنچىنى نامايان قىلدى، سالماق، سەگەك بولۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش ئىرادىسىنى يەتكۈزدى. كىشىلەر شېئىرىي ھېسسىياتتىن بىر قەدىمىي مىللەتنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىش روھىنى، يۈز يىللىق پارتىيەنىڭ كەلگۈسىگە بولغان غايىسىنى كۆردى.

  بۈگۈنكى دۇنيادا قايسى پارتىيە، قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت ئۆزىگە ئىشىنىدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتى شۈبھىسىز ئۆزىگە ئەڭ ئىشىنىدۇ. بۇنداق ئىشەنچ بۇ مىللەتنىڭ چۈشكۈنلۈك، زاۋاللىقتىن ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈشتەك گۈللىنىش مۇساپىسىدىن، بۇ دۆلەتنىڭ نامرات، قالاقلىقتىن گۈللەپ ياشنىشىدەك تەرەققىيات مۆجىزىسىدىن، بۇ پارتىيەنىڭ مىلياردلىغان خەلقنى باشلاپ كۈرەش قىلىپ، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىدەك كۈرەش رىۋايىتىدىن كەلگەن. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، لېكىن بۇ يالغۇز گۈل ۋە ئالقىش سادالىرىنىلا ئېلىپ كەلمىدى، يەنە جۇڭگوغا قارا چاپلايدىغان، ئاجىزلاشتۇرىدىغان پىكىرلەر ۋە ھەر خىل «جۇڭگونىڭ گۇمران بولۇش نەزەرىيەسى» ئەزەلدىن ئۈزۈلمىدى. لېكىن، جۇڭگو بۇنىڭلىق بىلەن ھالاك بولمىدى، ئەكسىچە ئۇنىۋېرسال كۈچى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈنسېرى ئاشتى. «جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق، كۈرەش قىلماي پاراغەت يوق». بۈگۈنكى جۇڭگو قانائەت قىلماي داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، بەش يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش داۋامىدا يېڭى تەرەققىيات ئورنىغا چىقتى.

  سوغۇقتا پورەكلەپ ئېچىلىدىغان مېيخۇا گۈلى ئىزچىل جۇڭگولۇقلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا پورەكلەپ ئېچىلدى. شى جىنپىڭ بۇ ئارقىلىق ھازىرقى جۇڭگونى يورۇتۇپ، ھاياتلىق تەمكىنلىكى، قورقماس ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ، «سوتسىيالىزم» بىلەن «بازار ئىگىلىكى»نى بىرلەشتۈرۈش، شۇنداقلا خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشقىچە، پارتىيەمىز ئىزچىل خەۋپ-خەتەردىن قورقماي، قىيىنچىلىق ئالدىدا گاڭگىرىماي، جۇڭگو ناملىق پاراخوتنىڭ مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى. ماختاش ۋە زەربە، قىيىنچىلىق ۋە سىناق ئالدىدا پارتىيەمىزنىڭ ھەر قانداق بوران-چاپقۇندىمۇ باشتىن-ئاخىر قەيسەرلىك بىلەن بوشاشماسلىقىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، خەلقنىڭ پارتىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيەمىز ھېچقانداق خۇسۇسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمىدى، بىز «جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش»نى ئەسلى مەقسەت قىلغان، بىزنىڭ تەلپۈنىدىغىنىمىز «دۆلەتكە پايدىلىق بولسىلا، ھاياتىنى قۇربان قىلىدىغان، ھەرگىزمۇ ئۆزىنى قاچۇرمايدىغان» روھىي پەزىلەتتۇر، بۇنىڭغا مەدھىيە سۆزلىرى بىھاجەتتۇر.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر