باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگونىڭ زىمبابۋېغا قارىتا دوستانە مۇئامىلىدە بولۇش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ

2017.11.17 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 16- چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، زىمبابۋېنىڭ ۋەزىيىتى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

  يىغىندا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: زىمبابۋې جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇھىم بىر شېرىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۆۋەتتە ئۇ يەرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش بولىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇ خىل يېڭى ئەھۋالغا ئاساسەن، مەزكۇر دۆلەتكە قايتىدىن مەبلەغ سېلىشتىكى خەۋپ-خەتىرىنى باھالاشنى ئېلىپ بارامدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دەپ ئىنكاس قايتۇردى: زىمبابۋېنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە، تۈنۈگۈن مەن ئىنكاس قايتۇرغان ئىدىم. جۇڭگو زىمبابۋېنىڭ ۋەزىيىتىگە ئىزچىل تۈردە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بىز، زىمبابۋېنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى مۇقىملىقىنى ساقلاپ قېلىشىنى ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تىنچ ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشىنى چىن كۆڭلۈمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. سىز ھازىر كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەسىلىگە، يەنى جۇڭگو تەرەپنىڭ زىمبابۇۋىگە سالغان مەبلىغىگە كەلسەك، مەن شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەنكى، جۇڭگو-زىمبابۋې ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى بولسا،بۇ ناھايىتى ئەتراپلىق ھەمكارلىق بولۇپ، بۇ ھەمكارلىق ئىككى تەرەپ خەلقىگە تەڭ نەپ يەتكۈزىدۇ. جۇڭگونىڭ زىمبابۋېغا قارىتا دوستانە مۇئامىلىدە بولۇش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. بىز داۋاملىق تۈردە باراۋەرلىك ئاساسىدا، ھەمدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىش ۋە تەڭ مەنپەئەتلىنىش پىرىنسىپى ئاساسىدا زىمبابۋې بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقىمىزنى راۋاجلاندۇرىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر