باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرەيلى

− پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)

2017.11.01 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى دەۋر يېڭى نەزەرىيەگە مۇھتاج، يېڭى نەزەرىيە يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلىپ، بۇ يېتەكچى ئىدىيەنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنى چوڭقۇر شەرھىلەندى، ھەمدە پارتىيە نىزامنامىسىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركىسىزم-لېنىنىزم ئىدىيەسى، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىلەن بىللە پارتىيەنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم تارىخىي تۆھپىسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئەڭ مۇھىمى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ جان تومۇرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئىلمىي نەزەرىيەگە مۇھتاج. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي ئورۇندا تۇرۇپ، بىز ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئۇلۇغۋار ئىشلار ئۈچۈن بىر قاتار زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنى يىغىنچاقلىساق، ئۇ يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت زور دەۋر تېمىسىدۇر. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ زور دەۋر تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋرنىڭ شارائىت ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كوممۇنسىتىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يېپيېڭى نەزەر بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە ئۈستىدە جاپالىق ئىزدىنىپ، ئىلمىي، سىستېمىلىق جاۋاب بېرىش ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ ئىلمىي نەزەرىيە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ئۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىنى ئومۇميۈزلۈك ئاچتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر