باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچايلى

−جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2017.10.18 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تارىخنىڭ كارتىنىلىرى ھامان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش داۋامىدا نامايان بولىدۇ، دەۋرنىڭ سەھىپىسى ھامان يېڭى كۈرەش داۋامىدا پۈتۈلىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى بۈگۈن بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي−ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، پارتىيەمىز قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش، قانداق روھىي ھالەت بىلەن قانداق تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، قانداق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنى ئېنىق جاكارلاپ، ئومۇمىيلىققا، ئىستراتېگىيەلىككە، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ھەرىكەت پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ قۇرۇلتاينى ياخشى ئېچىش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم سىياسىي ئەھمىيەتكە، نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە، ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز». ئۆتكەن ئالاھىدە بەش يىلنى ئەسلىسەك، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىيىنچىلىقتىن قورقماي، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى ۋە خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، ئېلىمىز تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلەر ئاساسىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا يۈكسەلدۈردى. بەش يىلدىن بۇيانقى نەتىجىلەر كۆپ تەرەپلىمە، ئىجادىي بولدى، بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپ خاراكتېرلىك بولدى. بۇ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر