باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى: توردا ئاكتىپ كۈچ تارقىتىلىپ «جۇڭگو ئىللىقلىقى» ھەممە يەردە بار بولدى

2017.10.18 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ھازىر تور بوشلۇقى بارغانسېرى ئوچۇق بولدى، تور ئەھلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن چوڭقۇر تەسىراتىم بار»، «توردا ئاكتىپ كۈچكە ئىگە بولغان نەرسىلەر بارغانسېرى كۆپ بولۇپ، قۇياش نۇرىغا تولدى!» بۇ ھەقىقىي ئىللىق يۈرەك سۆزلىرى «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان تاماشىبىنلارنىڭ ئېيتقان ھەقىقىي ھېسسىياتىدۇر.

  «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى بېيجىڭ كۆرگەزمىخانىسىدا ئېچىلغاندىن بۇيان، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن تاماشىبىننى جەلپ قىلدى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۆرگەزمىنى كۆرۈش قىزغىنلىقى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. 13-ئۆكتەبىرگە قەدەر، كۆرگەزمىخانىغا بېرىپ كۆرگەزمىنى كۆرگۈچىلەرنىڭ سانى 400 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشتى، توردىكى كۆرگەزمىخانىغىمۇ 20 مىڭدىن ئارتۇق تورداش سۆز قالدۇردى، ھەر ساھە ئامما بەس-بەستە مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى ئۈچۈن ئالقىش ياڭراتتى.

  18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، تور ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، رەھبەرلەرنىڭ سالاپىتى، ۋەتىنىمىزنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، ئاددىي كىشىلەرنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرى، گۈزەل تاغ-دەريالار، كىشىلەر ئارىسىدىكى رەھىمدىللىك قاتارلىقلارنىڭ توردا ئىگىلىگەن نىسبىتى بارغانسېرى يۇقىرى بولدى. تور بېكەت، ئابونتلار تېرمىنالى، مىكرو بلوگ، ئۈندىدار قاتارلىق سۇپىلار سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جامائەت پىكرى بازىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ، «ئاكتىپ كۈچى تولۇق، ئاساسىي مېلودىيە ياڭراق» بولۇش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر