باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

19-قۇرۇلتاينىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 19-قۇرۇلتاينىڭ كۈنتەرتىپى ۋە ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى

2017.10.18 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تو جېن 10-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا 19-قۇرۇلتاينىڭ كۈنتەرتىپى ۋە ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ، قۇرۇلتاي 10-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن ئېچىلىدۇ. 10-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن تەييارلىق يىغىنى ئېچىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ كۈنتەرتىپى بېكىتىلدى، قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى، قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېچىلىدۇ.

  تو جېن مۇنداق دېدى: ھازىر پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تولۇق پۈتتى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينى خەۋەر قىلىشقا كەلگەن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

  تو جېن قۇرۇلتاينىڭ ھاۋالىسىغا بىنائەن، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا 19-قۇرۇلتاينىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتاي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركىسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تارىخى مۇساپىسى، قىممەتلىك تەجرىبىسىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ ھەم يەكۈنلەيدۇ، ھازىرقى ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى ۋە خەلقنىڭ يېڭى تەقەززاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە چوڭ-چوڭ سىياسەت، فاڭجېنلارنى تۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئىستراتېگىيە ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ پىلانلايدۇ ۋە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر